مىسىردا سابىق زۇڭتۇڭ مورسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى نامايىش قىلىپ " سەيشەنبە كۈنى بىر سىياسى ئۆزگىرىش جەڭچىسى " دىگەن پىلاكاتنى كۈتۈرۈپ مىليون كىشىلىك چوڭ نامايىش ئۆتكۈزىمىز " دەپ 30- ئىيول چوڭ تىپتىكى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ئۇلار " قانلىق سىياسى ئۆزگىرىش" تىن بىز ئەركىنلىكنى ۋە قەدىر قىممەتنى قايتۇرۇپ كېلىمىزدىدى . گىرمانىيە " سۈرەتلىك خەۋەر گېزىتى " نىڭ خەۋىرىدە ، موسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى " مىسىر ئىچكى ئۇرۇشقا پاتقىقىغا پاتتى ئەڭ يامان ئاقىۋەت " كۆرەش ئۈچۈن قۇربان بولۇش "قا تەييار دەپ شۇئار توۋلىدى .
ياۋرۇپا ئىتتىپاقى مىنىسىتىرى ئاسدون 29- ئىيول قاھىرەگە يىتىپ كېلىپ زىيارەتتە بولدى . بۇ ئۇنىڭ ئىككى ھەپتىدىن بۇيان 2- قېتىم مىسىردا زىيارەتتە بولۇشى ھىسابلىنىدۇ . مىسىر مۇتەخەسسى تالىق "يەر شارى ۋاقىت گېزىتى " گە مۇنداق دىدى " كۆز ئالدىمىزدىكى قىيىنچىلىقنى مىسىر چوقۇم يېڭىشى كېرەك " بىراق تالىق زوراۋانلىق قىلىش بۇ بىردىنبىر چىقىش يولى ئەمەسلىكى ، زوراۋانلىقنىڭ قارشىلىق ۋە غەزەپ نەپرەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋىتىدۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويدى .
مىسىر دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مىسىر ھەربىي تەرەپ باياناتچىسى 29 – ئىيون مۇنداق دېگەن: قانۇنغا ئاساسەن، ھەربىي تەرەپنىڭ جەڭ قىلغۇچى ئاخبارات ئورگىنىغا يېقىنلاشقان ۋە پوستتا تۇرۇۋاتقان ئەسكەرلەرگە ھۇجۇم قىلماقچى بولغان ھەرقانداق ئادەم چوقۇم خەتەر ئىچىدە قالىدۇ. شۇ كۈنى، مىسىر دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، ناسېر شەھىرى ئاداۋېيا مەسچىتى ۋە قاھىرە ئۇنىۋېرسىتىتى دەرۋازىسى ئالدىدىكى گۈللىنىش مەيدانى ئەتراپىدا، نامايىشچىلارنىڭ ھەرىكىتى قانۇندا بەلگىلەنگەن چەكتىن ئېشىپ كەتتى، ھەمدە ئۇلارنى تېزدىن زوراۋانلىقنى توختىتىپ،ھۈكۈمەتكە پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە چاقىردى. ئالدىنقى كۈنى ، مىسىر مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى قاھىرەنىڭ شەرقىدىكى ناسېر شەھەرچىسىدىكى ھەربىي ئىشلار ئورگىنىغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن ھەمدە شۇ يەردە نارازلىق نامايىشى قىلغان .
مىسىر ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭىنىڭ ئىستراتىگىيەلىك مەسلىھەتچىسى ھىجاز مۇنداق دېدى: دائىرىلەر بارلىق قانۇنىي ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، خەلقنى زوراۋانلىق ۋە تېرورلۇق ھۇجۇمىدىن ساقلايدۇ، ھەمدە كوچىدىكى تەرتىپنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. 28 – ئىيون كەچتە، زۇڭتۇڭ مەنسۇر رىياسەتچىلىك قىلغان مەملىكەتلىك دۆلەت مۇداپىئە يىغىنىدا ئاداۋېيا مەسچىت مەيدانى ۋە گۈللىنىش مەيدانىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان نارازلىق نامايىشىغا قارىتا تازىلاش ھەرىكىتى ماقۇللاندى.
مىسىر «ئەلئېھرام گېزىتى» نىڭ 29 – ئىيوندىكى خەۋىرىدە ، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ھازىر زوراۋانلىق كۈچى بىلەن ھەربىلەرگە " نارازلىق بىلدۈرۈش " ھەركىتى شەك شۆبھىسىزكى " ئۆزىنى ئۈلۈمگە تۇتۇپ بېرىشتىن " ئىبارەت .
ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە تاشقى ئىشلار يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئاستون 29 – ئىيون قاھىرەگە يېتىپ كەلدى، ئۇ 2 ھەپتە جەريانىدا ئىككى قېتىم مىسىردا زىيارەتتە بولدى . ئۇ مىسىر ھۆكۈمىتىدىكى خېلى كۆپ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشۈپ، مىسىر بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: " مىسىر ھازىر پارچىلىنىش گىردابىغا بېرىپ قالدى" ، ھەمدە مىسىردىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنى جىددىي ۋە ئەستايىدىل ھالدا سۆھبەتلىشىشكە چاقىردى.
رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، غەرب ئەللىرى مىسىردىن ئىبارەت ئەرەب دۇنياسىدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ، ئوتتۇرا شەرق بىلەن ئافرىقىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرۇدىغان كۆۋرۈك بولىدىغان، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ بىر مىليارد دوللاردىن ئارتۇق ھەربىي ياردىمىگە ئېرىشكەن مىسىردىن ئەنسىرەپ قالدى. بولۇپمۇ بۇ دۆلەتتە تېخىمۇ چوڭ كۆلەمدە توقۇنۇش يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەپ قالدى .
" ۋال كوچىسى گېزىتى" دە دېيىلىشىچە، ئوباما ھۆكۈمىتى مىسىر ھەربىي تەرەپنىڭ ئامېرىكىنىڭ نەسىھىتىگە پېسەنت قىلماي ، قانلىق باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە تېخىمۇ زور مۇقىمسىزلىق كېلىپ چىقىشىدىن بارغانسېرى ئەنسىرەپ قالدى. ھەتتا مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى قولىغا قورال ئېلىپ قارشىلىق كۆرسەتمەكتە . ئامېرىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرى خاگېل شەخسەن ئۆز ئالدىغا مىسىر ھەربىي تەرەپ رەھبىرىگە بىر يۈرۈش ئۇچۇرلارنى يوللاپ، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنى زور كۈچ بىلەن باستۇرۇش نەتىجىسىدە بۇ تەشكلاتنىڭ يەر ئاستى ئىسلام تەشكىلاتىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. ئامېرىكا ۋە مىسىر ئەمەلدارلىرى مۇنداق دېيىشتى، ھۆكۈمەتنىڭ تىزگىنىدىن قېچىپ چىقىۋالغان، لىۋىيەدىكى قوراللىق كۈچلەر تۈركۈملەپ مىسىرغا كىرمەكتە، بۇ خەۋپنى تېخىمۇ كۈچەيتتى . ئۇلار بەلكىم مىسىرنىڭ غەربى سىنەي يېرىم ئارىلىغا مۇقىمسىزلىق ئۇرۇقلىرىنى چاچقان بولۇشى مۇمكىن.
گېرمانىيە " سىتگات گېزىتى" 29 – ئىيول مىسىردىكى" مۇرەسسە قىلىنمايدىغان ئۇرۇش " تېمىلىق ماقالە ئېلان قىلىپ، مىسىردا ھازىرچە مۇرەسسە قىلىش ئالامىتىدىن ھېچقانداق بىشارەت يوقلۇقىنى ئېنىق كۆرسەتتى . بۇ " 2 – قېتىملىق ئىنقىلاب" نىڭ يېتىپ كېلىشىدىن دېرەك بەرمەكتە.
" ئوتتۇرا شەرق ئاخبارات لىنىيەسى" نىڭ 29 – ئىيول خەۋەر قىلىشىچە، غەرب ئەللىرى كۆپ قېتىم تېرورچىلارغا زەربە بېرىش باھانىسى بىلەن ئۇلار كۆرۈشنى خالىمايدىغان تەشكىلاتلار ياكى دۆلەتلەرگە زەربە بەرمەكتە . ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە، غەربتىكى كونا دوستى – مىسىر ھەربىي تەرەپمۇ بۇ ماھارەتنى ئۆگىنىۋالدى، زوراۋانلىق كۈچلەر ۋە تېرورچىلارغا زەربە بېرىش باھانىسى بىلەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئىتتىپاقى قاتارلىق ئىسلام كۈچلىرىگە زەربە بەرمەكچى بولىۋاتىدۇ. بىراق، ئەڭ قىزىقارلىق يېرى شۇكى : غەربتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر مىىسردىكى قانلىق توقۇنۇشنىڭ ئۇلار مىڭ تەستە بەرپا قىلغان دېموكراتىيە ئوبرازىنى ئاغدۇرۇۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ، مىسىر ھەربىي تەرەپنى ھۇجۇم ھەرىكىتىدىن توسۇپ قالماقچى بولۇشتى. غەرب ئەللىرىنىڭ بىر بىرىگە زىت قىلىقلىرى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۆزلىرى ئېيتقاندەك ئۇنچە ياخشى، ئەخلاق نەمۇنىچىسى ئەمەس.
مىسىر ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى مۇتەخەسىسى تالىق 29 – ئىيول " يەر شارى تورى " مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى، ھازىر مىسىر بىر قىيىنچىلىق مەزگىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ، قانلىق توقۇنۇش ۋە زوراۋانلار كوچىلارنى قاپلاپ كەتتى، بۇ بەلكىم مىسىرنىڭ بېشىغا كەلگەن مۇشۇنداق بىر بالايى ئاپەتتۇ. ھەممە ئادەم تېنچلىق ۋە دېموكراتىيەگە ئىنتىلىشىدۇ، بىراق بەزى كىشىلەر ھوقۇق كۈرىشىنى ھاياتلىقتىن ئەتىۋار بىلىشىدۇ. ئەگەر بۇنداق ھالەت ئۆزگەرتىلمەيدىغان بولسا، مىسىرنى قايتا قۇرۇشتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.

مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى قوللىغۇچىلىرى ناماز ئۇقۇپ مورسىنى ئامانلىقىنى تىلىدى . بۇ بالا ئاغزىغا قوغدىنىش ماسكىسى تاقاپ ، ھەربىي تەرەپنىڭ زەھەرلىك گاز قۇيۇپ بېرىشىدىن مۇداپىئە ئېلىپ باردى .
