يەكەن ناھىيسىدە ئۆگەي دادا 5ياشلىق ئۆگەي بالىسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان

6 2013-07-29 11:40:57   خەلق تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   7-ئاينىڭ 25-كۈنى مۇخبىرنىڭ يەكەن ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىدىن ئىگەللىشىچە ،يەكەن ناھىيىسى ئالامەت يېزىسى 11-كەنىت 4-مەھەلىدە قاتىللىق دىلوسى يۈزبەرگەن بۇلۇپ 5ياشلىق ئوغۇل بالا قاتتىق تاياق يىگەنلىكىدىن جىگىرى يېرىلىپ قانسىراپ ئۆلۈپ كەتكەن .

    ئىگىلىنىشىچە ،5-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 11دە5ياشلىق شۆھرەتنىڭ نىڭ 26ياشلىق ئۆگەي دادىسى ئىبرايىم ئىىككى قوي باققان بۇلۇپ ئۇ 5ياشلىق بالىسىغا قويغا قاراپ تۇرۇشنى ئېيتىپ ئۆزى ئۆيىگە قايتىپ كەتكەن ،بىر سائەتتىن كېيىن بالىسى ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ،ئۆگەي دادىسى ئۇنىڭدىن قويلارنى سورىغان ،بالا قويلارنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى دىگەن ،ئىبرايىم دەرھال بېرىپ قارىسا قويلار ئېتىزلىقتىكى بۇغدايلارنى يەۋاتقانلىقىنى كۆرگەن .ھەمدە قويلارنى ھەيدەپ ئۆيگە ئاپارغاندىن كېيىن ئاچچىقىدا بالىنى نەچچە مۇشىت ئۇرىۋەتكەن .

   بالىنىڭ ئانىسى بۇسارەم ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بالىنىڭ كارىۋاتتا مىدىرىماستىن ياتقانلىقىنى كۆرگەن ،ئەر -ئايال ئىككەيلەن بالىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان بولسىمۇ دوختۇر بالىنى ئاللىقاچان ئۆلگەن دەپ دىئاگونۇز قويغان .

   نۆۋەتتە جىنايەت گۇماندارى ئىبرايىم قانۇن بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇپ بۇ دىلو تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.
   ئەسكەرتىش :(كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博