2013-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2دىن 25مىنوت ئۆتكەندە تورداشلارنىڭ مىكىرو بىلوگگا ئەۋەتكەن ئۇچۇرىدا جېڭجوۋدىكى كوچا دوقمۇشىدا ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان <بوۋاق سېتىش >ئېلانى چاپلانغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرى تارقالغان بۇلۇپ ئوغۇل بوۋاق 30مىڭ 600يۈەن.قىز بوۋاق 20مىڭ 400يۈەن .
تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن مۇخبىر ئېلاندا چاپلانغان نۇمۇرغا تېلىفۇن قىلغان ،ئەمما تېلىفۇننى ئالىدىغان ئادەم چىقمىغان 3-قېتىم تېلفۇن ئۇرغاندا بىر ئايال تېلفۇننى ئالغان بۇلۇپ مۇخبىر ئۇنىڭغا <مەن بالا سېتىۋالماقچى ،سېتىلىدىغان بالا بارمۇ دەپ سورىغان ئۇ ئايال بار ،ئوغۇل بالا ئالامسىز ؟قىز بالىمۇ ؟ئوغۇل بالا 30مىڭ600يۈەن قىز بالا 20مىڭ 400يۈەن ھەممىسى 1ئايلىقتىن 5ئايلىققىچە بولغان بالىلار ،ئەڭ چوڭى 8ئايلىق بولغان دىگەن ،مۇخبىر ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى سورىغاندا ،بوۋاقلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئىشەنمىسە دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈتۈپ باقسا بولىدىغانلىقىنى دىگەن .مۇخبىر ئۇ ئايالنىڭ ئۆزىنى شاڭخەيدە دىگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ خېبىي خەندەن شەھىرىدە ئىكەنلىكىنى بىلگەن ساقچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە ،بۇ ئۇچۇرنىڭ راست -يالغان بۇلۇشى ئېنىق ئەمەسكەن ،بۇرۇنقى بوۋاق ئېلىپ سېتىش دىلولىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئانالىز قىلغاندا بەلكىم ئۇلارنىڭ قولىدا بوۋاق بولماسلىقىمۇ مومكىنكەن .شۇڭا بالا بېقىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتقانلارنىڭ سەگەك بۇلۇشىنى ،ئالدامچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.
سۇسەن .لەنسى دۆلەت بىخەتەرلىك مەھكىمىسىنىڭ ياردەمچىلىكىگە ...
بېيجىڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا 56 ئاپتو...
مىكسىكىدىن يەنە بىر قېتىم تاشلىۋېتىلگەن ئالتە جەسەت بايقال...
گانا ئارمىيىسى جۇڭگولۇق قانۇنسىز ئالتۇن قازغۇچىلارغا زەربە...
خۇنەندىكى 28ياشلىق چىرايلىق مۇئاۋىن ھاكىم 7يىلدا 3دەرىجە ئۆس...
مايكول . جېكسوننىڭ قىزىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش مەقسىتى ئەمەل...