بېيجىڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا 56 ئاپتوموبىل ئۆز - ئارا سوقۇلدى

0 2013-06-07 11:10:58   خەلقئارا ئاخبارات لىنيىسى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
 6- ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 7 لەر ئەتراپىدا ، بېيجىڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى K839 يولى بۈلىكىدە ، قۇيۇق تۇمان تەسىرىدىن 16 قېتىم قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، 56 ئاپتوموبىل ئۆز - ئارا سوقۇلدى ،95 ئادەم قاپسىلىپ قالدى . سوقۇلغان ئاپتوموبىل ئىچىدە ، بىر دانە خەتەرلىك بۇيۇم توشۇيدىغان ئاپتوموبىلدىن قۇيۇق تۇز كىسلاتاسى ئېقىپ كەتكەن . يەرلىك ئوت ئۈچۈرۈش خادىملىرى 6 سائەتتىن كۆپرەك جىددى ھالەتتە قۇتقۇزۇش ئارقىلىق نەق مەيداننى تازلاپ ، قاپسىلىپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇپ چىققان .

جۇڭگو ئاخبارات تورى جېڭجۇ 5- ئىيون تېلگراممىسى . 6- ئاينىڭ 5- كۈنى سەھەردە ، مۇخبىر خېنەن ئۆلكىسى جۇمادىيەن شەھىرى جامائەت خەۋىپسزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئىگىلىشىچە ، 4- ئىيون قۇيۇن تۇمان سەۋەبىدىن قاتناش ھادىسىسى كۆپ يۈز بەرگەن ، جەمئىي 9 ئادەم قازا قىلغان .

4- ئىيون چۈشتىن بۇرۇن ، بېيجىڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى خېنەن ئۆلكىسى جۇمادىيەن شەھىرىدىكى بۆلىكىدە ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 16 قېتىم قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن . 56 ئاپتوموبىل ئۆز - ئارا سوقۇلۇپ ، 95 ئادەم قاپسىلىپ قالغان . بېيجىڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ جەنوبتىن شىمالغا يۈنىلىشىدىكى قوش لىنيەدە قاتناش ئۈزۈلۈپ قالغان ، 1000 غا يېقىن ئاپتوموبىل يولغا تۇرۇپ قالغان . ئوت ئۈچۈرۈش خادىملىرى ۋەقەدىن كېيىن نەق مەيدانغا 11 قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ۋە 56 قۇتقۇزۇش خادىمىنى ئەۋەتىپ نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان .

شۇ كۈنى قاپسىلىپ قالغان 95 ئادەم قۇتقۇزۇپ چىقىلدى . ھەمدە يارىدارلار دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلدى .

    5- ئىيون شەھەردە جۇمادىيەن شەھىرى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسىدىن ئىگەنلىگەن خەۋەردە ، بۇ قېتىمقى بىر قانچە قېتىملىق ۋەقەدە 36 ئاپتوموبىل ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان ، 49 ئادەم يارلىنىپ ، 9 ئادەم قازا قىلغان .

  

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博