ئاقسۇلۇق دېھقان ئايروپىلان ياسىدى

0 2013-04-22 09:52:30   ياشىن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

         ئاسىيا كىندىكى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاقسۇ ئونسۇ ناھىيەسى توغراق يېزىسىدىكى 30 ياشلىق دېھقان شىرئەلى ئەمەت ئۆزى بىر كىچىك تىپتىكى ئايروپىلان ياساپ چىققان بولۇپ، نۆۋەتتە %80 نى ياساپ چىققان، ھازىر قانات قىسىمىنى ياساۋاتقان بولۇپ، كېيىنكى ئايدا سىناق قىلىپ ئۇچۇرۇشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.

  بۇ ئايروپىلاننى ياساش ئۈچۈن ئۇ 70 مىڭ يۈەن سەرپ قىلغان بولۇپ، شىرئەلىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئايروپىلاننىڭ كەڭلىگى 9.5 مېتر، ئۇزۇنلۇقى 8.5 مېتر، ئىگىزلىكى 3 مېتر كىلىدىكەن، ئېغىرلىقى 1.2 توننىغا يىتىدىكەن. ئايروپىلاننىڭ ئىشلىتىلىشىگە قارىتا، شىرئەلى ئايروپىلاننى دورا چېچىشقا، ئورمانلىقتا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博