ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا 2012 – يىلىدىكى ئىستېمالغا ئالاقىدار ئەرزلەر ئىچىدىكى ئون قىزىق نۇقتىنى ئېلان قىلدى.
1. كىيىم – كېچەككە ئالاقىدار ئەرزلەر ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان. 2012 – يىلى كىيىم – كېچەك تۈرىدىكى ئەرزدىن 1285ى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي ئەرزنىڭ %12.63ىنى ئىگىلىگەن.
2. قاتناش قوراللىرى تۈرىدىكى ئەرزلەر. 2012 – يىلى قاتناش قوراللىرى تۈرىدىكى ئەرزدىن 1205ى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي ئەرزنىڭ %11.85ىنى ئىگىلىگەن. ئاساسلىقى، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماسلىق، رېمونت قىلىش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرۈش، ساختا ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى بىلەن تەمىنلەش، رېمونت قىلىش كارتىسى ۋە لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى بىلەن تەمىنلىمەسلىك، ئىستېمالچىلارنى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك قوللانمىلار بىلەن تەمىنلىمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشكەن.
3.ئالاقىلىشىش مەھسۇلاتلىرى تۈرىدىكى ئەرزلەر. بۇنداق ئەرزدىن 980ى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي ئەرزنىڭ %9.64ىنى ئىگىلىگەن. بۇلار ئاساسلىقى، رېمونت قىلىش ئورۇنلىرى رېمونت قىلىش مۇلازىمىتىنى رەت قىلىش، ساختا ئېلان بېرىپ ئىستېمالچىلارنى ئالداش، زاۋۇتنىڭ ئەسلىي زاپچاسلىرى بىلەن تەمىنلىمەسلىك، تاۋارلارنى قايتا – قايتا رېمونت قىلىش ئارقىلىقمۇ نورمال ئىشلەتكىلى بولماسلىق، مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشى بىلەن ئەمەلىي ئىقتىدارى ئوخشاش بولماسلىق، نىمكەش يان تېلېفونلارنى يېڭى دەپ سېتىش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشكەن.
4. يېمەك – ئىچمەك ۋە ياتاق مۇلازىمىتىگە دائىر ئەرزلەر. بۇنداق ئەرزدىن 769ى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي ئەرزنىڭ %7.56ىنى ئىگىلىگەن. بۇلاردا ئاساسلىقى، مۇئامىلىسى ناچار بولۇش، ئىستېمالغا تۆۋەن چەك بەلگىلەش، ياتاققا ۋاقتى ئۆتكەن بۇيۇملارنى سەپلەش، رەنە پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرمەسلىك، بىر قېتىملىق تاماق قاچىلىرىنى مەجبۇرىي تېڭىش، مەسئۇلىيەتتىن قېچىش، قالايمىقان ھەق تەلەپ قىلىش، ئىستېمالچىلار ھەق تاپشۇرغاندا، ئەمەلىي ئىستېمال بىلەن ھېسابات سوممىسى بىردەك بولماسلىق قاتارلىقلارغا مەركەزلەشكەن.
5. قاتناش – تىرانسپورت مۇلازىمىتىگە ئائىت ئەرزدىن 528ى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي ئەرزنىڭ %5.19ىنى ئىگىلىگەن. بۇلاردا ئاساسلىقى، كارخانىلار مال يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىمەسلىك، بۇزۇپ قويغان، يىتتۈرۈپ قويغان ماللارغا تۆلەم بەرمەسلىك قاتارلىقلارغا مەركەزلەشكەن.
6. تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىگە دائىر ئەرزدىن 520سى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي ئەرزنىڭ %5.11ىنى ئىگىلىگەن. ئاساسلىقى، مالنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بەرمەسلىك، پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن بۇيۇملار زەخىمگە ئۇچراش، يىتىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆپ يۈز بېرىش، ئەمەلىي ئېلىنغان ھەق تالوندىكى بىلەن بىردەك بولماسلىق، مۇلازىمەت پوزىتسىيەسى ناچار بولۇش، مەسئۇلىيەتتىن قېچىش، يىتتۈرۈپ قويغان تاۋارغا مەسئۇل بولۇشنى رەت قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشكەن.
7. ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ سۈپەت مەسىلىسىگە ئائىت ئەرزدىن 519ى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي ئەرزنىڭ %5.11ىنى ئىگىلىگەن. ئاساسلىقى، كارخانىلار ساختا تاۋار سېتىش، رېمونت قىلغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا نورمال ئىشلەتكىلى بولماسلىق، مەشغۇلات ئىقتىدارى بىلەن چۈشەندۈرۈلۈشىدىكى ئىقتىدارى ماس كەلمەسلىك، كارخانىلار مال ساتقاندىن كېيىن قۇراشتۇرۇش، تەڭشەش مۇلازىمىتىنى ياخشى قىلماسلىق، تاۋارلارنىڭ سېتىلىش باھاسى بىلەن بەلگىلەنگەن باھا بىردەك بولماسلىق قاتارلىقلارغا مەركەزلەشكەن.
8. ئۆي جابدۇقلىرىنىڭ سۈپىتى ھەققىدىكى ئەرزدىن 479ى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي ئەرزنىڭ %4.7ىنى ئىگىلىگەن. ئاساسلىقى، تاۋارلارنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى ۋە لاياقەتلىك كېنىشكىسى بولماسلىق، كېلىشىمنى ئىجرا قىلماسلىق، تاۋارلارنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە كۈرۈلگەندە، كارخانىلار بىر تەرەپ قىلىشنى كەينىگە سۈرۈش، ئىستېمالچىلارنى ساختا ياكى سۈپەتسىز تاۋارلار بىلەن تەمىنلەش، مۇلازىمەت پوزىتسىيەسى ناچار بولۇش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشكەن.
9. يېمەكلىك تۈرىدىكى ئەرزدىن 384ى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي ئەرزنىڭ %3.78ىنى ئىگىلىگەن. بۇلار ئاساسلىقى، يېمەكلىكنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىش، ۋاقتى ئۆتمەي تۇرۇپمۇ سۈپىتى ئۆزگىرىپ قېلىش، تەركىبىگە غەيرىي ماددىلارنى قوشۇش، بىر قىسىم ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىكلەرنىڭ خەنزۇچە چۈشەندۈرۈلۈشى بولماسلىق، ئادەتتىكى يېمەكلىكلەرگە دورىلىق خۇرۇجلارنى قوشۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشكەن.
10. ياساش، ئاسراش ھەم رېمونت قىلىش مۇلازىمىتىگە ئالاقىدار ئەرزدىن 331ى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي ئەرزنىڭ %3.25ىنى ئىگىلىگەن. بۇلار ئاساسلىقى، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك، قايتا رېمونت قىلىپ بېرىش مۇلازىمىتىنى كەينىگە سۈرۈش، ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىجرا قىلماسلىق، قالايمىقان ھەق ئېلىش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشكەن.
ئامېرىكىنىڭ سابىق زىمىن بىخەتەرلىك ئېدارىسىنىڭ باشلىقى ،پا...
رۇسىيە چاۋشيەن مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشنى خال...
بوستۇن پارتىلتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ تىزىملىك ئېلان...
جۇڭگو ھۆكۈمىتى مادۇرونىڭ ۋېنزۇئېلاغا زۇڭتۇڭ بولغانلىقىنى ت...
كانادالىق قىز كۆكسىنى كېسىۋەتكەندىن كېيىن تاتۇق ئورنىغا چە...
روسىيىدىكى بىر شىركەت يېڭى تىپتىكى ئادەملىك ئالەم كېمىسنى ك...
ئىككى كۈندە شىنجاڭدا ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قېتىملىق پەۋقۇلئاد...