ئۈرۈمچى شەھىرىدە ، بۇنىڭدىن كېيىن، ئاھالىلەر يانفونىغا بىرخىل يۇمشاق دېتال چۈشۈرسە، بۇ دېتال ئارقىلىق، ئۆزىنى مەركەز قىلغان بىر كىلومېتىر ئارلىقتىكى بوش تاكسىلارنى ئېنىقلىيالايدىكەن. ھەم تاكسى شوپۇرى بىلەن ۋاقىت ۋە ئورۇننى كېلىشىپ، تاكسىنى چاقىرالايدىكەن. يانفوندا بۇ خىل يېڭى شەكىل ئارقىلىق، تاكسى چاقىرىش مۇلازىمىتى شەھىرىمىزدە كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ، يولغا قويىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن، بۇ تاكسى مۇلازىمەت يۇمشاق دېتالىنى بىر قىسىم كىشىلەر ۋە تاكسىلار سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەتكەن بولۇپ، يېرىم ئايلىق ئىستاتىستىكا نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ئوڭۇشلۇق تاكسى چاقىرىش نىسبىتى %95 تىن يۇقىرى بولغان.
شەھەرلىك تاكسى كىراكەشلىكى جەمئىيىتىدىكى مەسئۇل كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، ئالاقىدار تېخنىكلار بۇ يۇمشاق دېتالغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى پات ئارىدا باشلايدىكەن. ھازىرچە بۇ دېتالنىڭ ئىقتىدارى تېخى ئېچىۋېتىلمىگەن.ئاۋۋال تاكسىلارغا ئورنىتىلغاندىن كېيىن، ئاھالىلەر ئاندىن جامائەت يۇمشاق دېتال سۇپىسىدىن يانفونىغا چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلەيدىكەن.
بۇ مۇلازىمەت بۇ يىل شەھىرىمىزنىڭ خەلىقققە قىلىپ بېرىدىغان 120 ئەمەلىي ئىشىنىڭ بىرى ئىكەن. شۇنداقلا ئاھالىلەرنىڭ تاكسى توسۇشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشتىكى ياخشى تەدبىرى ئىكەن. بۇنىڭدىن كېيىن، يولۇچى توشۇشنى بىر تۇتاش باشقۇۇرش ئىدارىسى خەلققە قولايلىق يارىتىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئاھالىلەرنىڭ قولايلىق يول يۈرۈشىگە تېخىمۇ قولايلىق شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىدىكەن