15 – ئاپرېل ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 11 – ئاپرېلغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 136 ئىدارە، ئورۇندىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى رەسمىي پېچەتلەنگەن، پېچەتلىنىش نىسبىتى ئۆتكەن يىلىدىكىدىن يۇقىرى بولۇپ، %53كە يەتكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم نازارەت قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خەن كۇننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۆتكەن يىلقى تەجرىبىلەر ئاساسىدا، بۇ يىل پېچەتلىنىدىغان ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرىنىڭ تىپىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلغان، جىددىي قۇتقۇزۇش، ئوت ئۆچۈرۈش، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدە ئاپتوموبىل تىپلىرى پېچەتلەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن.
ئىگىلىنىشچە، بۇلتۇر ئۈرۈمچى شەھىرى 3 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، كاتەكچە شەكىللىك يول قۇرۇلۇشىنىڭ 1 – قارارلىق قۇرۇلۇشىنى تاماملىغان بولۇپ، قۇرۇلۇش مەزگىلىدە ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرىنىڭ %50ى پېچەتلەنگەن. بۇ يىلقى ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرىنىڭ پېچەتلىنىش ۋاقتى 15 – ئاپرېلدىن 5 – سېنتەبىرگىچە بولۇپ، پېچەتلىنىش ۋاقتى بۇلتۇرقىدىن بىر ئاي ئۇزارتىلغان.
رۇسىيە چاۋشيەن مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشنى خال...
بوستۇن پارتىلتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ تىزىملىك ئېلان...
جۇڭگو ھۆكۈمىتى مادۇرونىڭ ۋېنزۇئېلاغا زۇڭتۇڭ بولغانلىقىنى ت...
كانادالىق قىز كۆكسىنى كېسىۋەتكەندىن كېيىن تاتۇق ئورنىغا چە...
روسىيىدىكى بىر شىركەت يېڭى تىپتىكى ئادەملىك ئالەم كېمىسنى ك...
ئىككى كۈندە شىنجاڭدا ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قېتىملىق پەۋقۇلئاد...
تارىختىكى ئەڭ قىممەت iPhone 5 نىڭ باھاسى 15 مىليون 300 مىڭ ئامېرىك...