15-ئاپرېل، ئۈرۈمچىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ قانۇنسىز سېلىنغان قۇرۇلۇش چېقىلدى.بۇ قانۇنسىز قۇرۇلۇش يۇقىرى پەن-تېخنىكا رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ئەرگۇڭ يېزىسى سەنگۇڭ كەنتى 2-ئەترىتىگە جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 33 مىڭ 900 كىۋادىرات مېتىر كېلىدۇ.
ئۈرۈمچى يۇقىرى پەن-تېخنىكا رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى پارتگورۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جيەنبىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قۇرۇلۇشنى چېقىشقا ئىككى كۈن ۋاقىت كېتىدىكەن.
ۋاڭ جيەنبىڭنىڭ ئېيتىشىچە، چېقىلىدىغان بۇ يەرگە جەمئىي 11 ئاھالە قانۇنسىز قۇرۇلۇش سالغان. ئەڭ چوڭ سېلىنغان قۇرۇلۇش بەش قەۋەتلىك ، 6700 كىۋادىرات مېتىر كۆلەمدە ئىكەن، ئەڭ كىچىك كۆلەمدە سېلىنغان ئۆيلەرمۇ ئۈچ قەۋەت قىلىپ سېلىنغان. بۇ قۇرۇلۇشلار 2008-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە سېلىنغان بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ھېچقانداق رەسمىيىتى يوق ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر ئۈرۈمچى يۇقىرى پەن-تېخنىكا رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) دا 220 مىڭ كىۋادىرات مېتىر كۆلەمدىكى قانۇنسىز قۇرۇلۇش چېقىلغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە بۇ يىل 250 مىڭ كىۋادىرات مېتىر كۆلەمدىكى قانۇنسىز قۇرۇلۇش چېقىلىدىكەن.
رۇسىيە چاۋشيەن مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشنى خال...
بوستۇن پارتىلتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ تىزىملىك ئېلان...
جۇڭگو ھۆكۈمىتى مادۇرونىڭ ۋېنزۇئېلاغا زۇڭتۇڭ بولغانلىقىنى ت...
كانادالىق قىز كۆكسىنى كېسىۋەتكەندىن كېيىن تاتۇق ئورنىغا چە...
روسىيىدىكى بىر شىركەت يېڭى تىپتىكى ئادەملىك ئالەم كېمىسنى ك...
ئىككى كۈندە شىنجاڭدا ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قېتىملىق پەۋقۇلئاد...
تارىختىكى ئەڭ قىممەت iPhone 5 نىڭ باھاسى 15 مىليون 300 مىڭ ئامېرىك...