جۇڭشىن تورى 10-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئامېرىكا نيورۇكتىكى بىر جۈپ يېقىن دوست 25يىل بىللە لاتارىيە بىلىتى سېتىۋىلىپ ئەڭ ئاخىرى ئالدىنقى ئايدا تەلەي قۇشى بېشىغا قۇنۇپ 14مىليون ئامېرىكا دوللارلىق چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا 74ياشلىق ۋېل.مەيكېفۇسىن ۋە 44ياشلىق كىرىستوف.مانچىدۇ بۇرۇن مانخاتتاندىكى بىر باسما دوكىنىدا ئىشلىگەن.تونۇشقاندىن بويان ئىككىسى داۋاملىق بىرلىشىپ لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالغان.ئۇلار نەچچە يىلدىن بويان لاتارىيە بىلىتىگە جىق پۇل خەجلىگەن بولسىمۇ لېكىن بۇ قېتىمقى مۇكاپىتقا ئېرىشكەن لاتارىيىنى ئۇلار بىر پۇڭ پۇل خەجلىمەي ئالغان چۈنكى شۇ يەردىكى لاتارىيە ئورنى پائالىيەت ئېلىپ بارغان بولۇپ ئۇلار ھەقسىز ئىككى دانە لاتارىيە بېلىتىگە ئېرىشكەن.
ئىككىسى بىر قېتىمدىلا پۇلنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان ،ئىگىلىنىشچە ئۇلار مىئامىغا بېرىپ مۇكاپات ئالىدىكەن.