شياڭگاڭدىن نىڭبوغا ئۇچىدىغان ئايروپىلاندىن 46 تال كىسەل يۇقتۇرغۇچى سۈۋەرەك چىقتى

02012-08-28 10:38:52   خەلىقئارا ئاخبارات لىنىيىسى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   خەلقئارا ئاخبارات لىنيسى : جېجىياڭ لىنيىسى 24- ئاۋغۇست خەۋىرى : يېقىندا ، نىڭبو تەكشۈرۈش كارانتىن قىلىش ئىدارىسى شياڭگاڭدىن نىڭبوغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننى تەكشۈرۈش ۋە كارانتىن قىلىش ئارقىلىق ، 46 دانە كىچىك سۈۋەرەكنى بايقىغان ؛ بۇ چىگرا ئاتلاپ كىرگەن ئايروپىلانلار ئىچىدىن تۇنجى قېتىم كۆپ مىقتاردا بايقالغان سۈۋەرەكلەر ھىسابلىنىدىكەن ؛

   تەكشۈرۈش خادىملىرى ئايروپىلاننىڭ تاماق تەييارلاش بۈلۈمىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق قۇرت بايقالسا دەل ۋاقتىدا يۇقىتىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن كىچىك تىپتىكى 46 دانە سۈۋەرەكنى تاپقان ؛ كىيىن تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئارقىلىق بۇ سۈۋەرەكنىڭ گىرمانىيە سۈۋەرىكى ئىكەنلىكىنى ، سۈۋەرەك بەدىنىدە بې تىپتىكى جىگەر ياللۇغى ۋىروسى ، ئۈچەي ياللۇغى ۋىروسى ، سالمانېللا باكتىرېيىسى ، تېزىنتېرىيە تاياقچە باكتېرىيىسى ( تولغاق تاياقچە باكتېرىيىسى )قاتارلىق تۆت ۋىروسنى ئېلىپ يۈرگۈچى گىرمانىيە كىچىك سۈۋەرىكى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلانغان  ؛

   گىرمانىيە كىچىك سۈۋەرىكى مەملىكىتىمىز دېڭىز بويى رايۇنلىرىغا چىگرىدىن كىرىپ چىقىشتا نۇقتىلىق تەكشۈرۈشدىغان تىبابەت جانلىقى ھىسابلىنىدۇ ؛ 7 خىل سۈۋەرەك تۈرىدىن گىرمانىيە سۈۋەرىكىنىڭ جۇغى كىچىك ، بىراق كۆپىيىشى ئىنتايىن تېز ، ماسلىشچانلىقىنى ئىنتايىن ياخشى ، ھەم ۋىروس يۇقتۇرۇش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ ، 40 نەچچە خىل كىسەلنىڭ تارقىلىشىدىكى يۇقۇملاندۇرغۇچى ھىسابلىنىدۇ ؛

   گىرمانىيە سۈۋەرىكى دۇنيادىكى تاقابىل تۇرۇش تەس بولغان سۈۋەرەكنىڭ بىر تۈرى ھىسابلىنىدۇ ؛