شياڭگاڭ ياشلىرىنىڭ %40 ى ئىچكى ئۆلكىلىكلەر بىلەن مۇھەببەتلىشىشنى خالىمايدۇ

40 2011-09-21 10:17:46   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
 [گېرمانىيە ئاگېنتلىقى خەۋىرى] بۈگۈن ئېلان قىلىنغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئىلگىرى ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغان بۇ جايدىكى ياشلار يەنىلا ئىچكى ئۆلكىلىكلەر بىلەن مۇھەببەتلىشىشنى خالاپ كەتمەيدىكەن.
    «شياڭگاڭ يولۋىسى» گېزىتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەن 14 يىلدىن كېيىن، شياڭگاڭلىق ياشلارنىڭ %40ى ئىچكى ئۆلكىلىكلەر بىلەن مۇھەببەتلىشىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
    شىۋە توسالغۇسىدىن سىرت، (شياڭگاڭلىقلار گۇاڭدۇڭ شىۋىسىنى ئىشلىتىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىسىدىكىلەر ئورتاق تىل ئىشلىتىدۇ) زىيارەت قىلىنغۇچىلار: ئىچكى ئۆلكىلىكلەرنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى ئانچە جايىدا ئەمەس، دەپ قارىغان.
    تەھلىلچىلەر: بەزى شياڭگاڭلىقلار ئىچكى ئۆلكىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۆچىرەتتە تۇرغاندا ئارىغا قىسىلىۋېلىشى ۋە خالىغان جايغا تۈكۈرۈشى قاتارلىق ناچار ئادەتلىرىدىن بەك بىزار، دېدى.
    تەھلىلچىلەر «شياڭگاڭ يولۋىسى» گېزىتى موخبىرىغا: شياڭگاڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ ئىنسانىي ھوقوق ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىش ھەم سالامەتلىك ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسلىسى پەيدا قىلغان ۋەھىمە توغرىسىدىكى سەلبىي خەۋەرلىرىمۇ شياڭگاڭلىق ياشلارنىڭ قارىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن، دېدى.
    16 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان 700 دىن كۆپ شياڭگاڭلىق شياڭگاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئۇيۇشتۇرغان بۇ تەكشۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博