دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ 17-ئاۋغۇست دۆلەت زايومنى تارقىتىش ئېلېكتىرونلۇق كۇنۇپكىسىنى بېسىشى بىلەن، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 2011-يىللىق شياڭگاڭدا تارقىتىدىغان 20 مىليارد يۈەن زايومى رەسمىي تارقىتىلدى.
بۇ مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ شياڭگاڭدا 3-قېتىم خەلق پۇلى زايومىنى تارقىتىشى، شۇنداقلا كۆلىمى چوڭ بولغان بىر قېتىم، بۇنىڭ ئىچىدىكى 5 مىليارد يۈەن شەخسىلەرگە تارقىتىلىدۇ. بۇ شياڭگاڭدىكى ھەر قايسى ساھەلەرگە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى قوللاش، شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولۇشتەك ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بولغان ئىرادىسىنى بىلدۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ شياڭگاڭلىقلارنى خەلق پۇلى زايومىغا مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ.