شىياڭگاڭ ئاممىلىرى ۋەتەننى سۆيۈش دەرىسلىكىنى تەسىس قىلىشقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

0 2012-07-30 11:42:49   تېڭشۈن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   29-ئىيۇل ، 90مىڭغا يېقىن شىياڭگاڭ ئاھالىسى يەرلىك ھۆكىمەتنىڭ مەكتەپلەردە ۋەتەننى سۆيۈش دەرىسلىكى تەسىس قىلغانلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى .


   9-ئايدا مەكتەپلەردە ۋەتەننى سۆيۈش ۋەتەندىن پەخخرلىنىش ،جۇڭگونى ئۆز ۋەتىنى دەپ بىلىش توغرىسىدا دەرىس تەسىس قىلماقچى بولغان ، لېكىن بۇنىڭغا قارشى كىشىلەر بۇ دەرىسنى تەسىس قىلغانلىق بالىلارغا توغرا بولمىغان سىياسىي ئىدىيىنى سىڭدۈرگەنلىك دەپ قارىغان .  بۇ قېتىمقى نامايىش قىلغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا ئوقۇغۇچىلار ،ئاتا-ئانىلار بار بۇلۇپ بەزىلىرى  كىچىك ھارۋىدىكى بالىسىنى يېتەكلەپ نامايىشقا قاتناشقان  ،بالىلارقولىغا ‹‹بىزگە ئەركىن تەپەككۈر قىلىش ئەركىنلىكىنى بېرىش ، مىللەتلەر تەربىيىسى بىزگە كېرەك ئەمەس ›› دەپ يېزىلغان  بايراقنى كۆتۈرۋالغان .


   نامايىشچىلار  ‹‹ئىچىكىرى ئۆلكىلەردە بالىلارنىڭ دەرىس ئۆگۈنىشى مەجبۇرىي ،ۋەتەننى سۆيۈش ئىدىيىسىمۇ مەجبۇرىي سىڭدۈرۈلگەن، ئەگەر شىياڭگاڭدامۇشۇنداق تەربىيە ئۇسۇلى ئېلىپ بېرىلسا بالىلارنىڭ ئەركىن تەپەككۈر قىلىشغا  سىياسىي خاھىشىغا ئېغىرتەسىر يەتكۈزىدۇ›› دېدى .ئۇلار يەنە <<ۋەتەننى سۆيۈش  دەرسلىكىنى تەسىس  قىلىش بىر خىل مېڭە يۇيۇش ئۇسۇلى بۇلۇپ  بۇنىڭ كەينىدە سىياسىي مەقسەت بار>> دېگەن .


ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博