«قۇياش گېزىتى»نىڭ 9-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، يېقىندا ، ئەنگىلىيەلىك بىر ئەر ئۆيىدىكى ئەرمەك مۈشۈكنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىگە زىيادە قايغۇرۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ ئەر كىشىنىڭ ئىسمى مايكول مىكالىس بولۇپ بۇيىل 44 ياشتا ئىكەن . ئۇنىڭ ئەرمەك مۈشۈكى سوفىيې يېقىندا شامال داراپ قالغانلىقتىن ئۇنىڭ قۇچىقىدا جان ئۈزگەن . سوفىيې ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ، مايكول مۈشۈكنىڭ جەسىتى بىلەن ئۈچ كۈن بىرگە ئۇخلىغاندىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان . مايكولنىڭ جەسىتى 8 كۈندىن كېيىن ئۆز ئۆيىدە باشقىلار تەرىپىدىن بايقالغان .
مايكول بۇرۇن يەنە ۋېدىئو ئىشلەپ تورغا يوللاپ ، سوفىيېنى خاتىرلىگەن . مايكول مۇنداق دېگەن: «ئۇ تولىمۇ ئوماق بىر مۈشۈك ئىدى . بۇ ۋېدىئونى مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سوفىيېگە بېغىشلايمەن . مەن ئۇنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتىم ، ھازىرمۇ ھەم شۇنداق».