جۇڭگو ئاخبارات تورى بېيجىڭ 5-ئاينىڭ8-كۈنىدىكى خەۋىرى،جۇڭگو ئاۋازى ‹‹ياڭگۇاڭ خەۋەرلىرى››خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ،شەندۇڭنىڭ رىجاۋ شەھرى ئەتراپىدىكى خۇاڭخەي دېڭىزى دائىرىسى ئىچىدە ئۇدا چوڭ كۆلەمدە قىزىل دولقۇن كۆرۈلگەن،قاپلاش دائېرىسى 600كىۋادىرات كىلومىتىردىن ئاشقان،دۆلەت دېڭىز-ئوكيان باش ئىدارىسى ،بېيخەي تارماق ئىدارىسى قىزىل دولقۇن ئاپىتىگە تۆتىنچى دەرىجىلىك جىددىي تەييارلىق ھالىتىنى ھەرىكەتلەندۈرگەن، دېڭىز ساقچىلىرى قاتارلىق تارماقلار چارلاش كاتىرلىرىنى چىقىرىپ ئەمەلىي ئۆلچەپ تەكشۈرۈشكە كىرىشكەن.ھازىر پۈتۈن سەپ بويىچە قىزىل دولقۇننى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقىنى رىجاۋ دېڭىز ساقچى بىرىنچى چوڭ ئەترىتىنىڭ 37040 نومۇرلۇق كاتېرى،كاتېرى باشلىقى سۇڭ شىياۋ فىڭ.
سۇڭ شىياۋ فىڭ ،بۇ قېتىمقى قىزىل دولقۇندا رىجاۋ دېڭىز ساقچىلىرى كۈندە دېگۈدەك كاتېرھەمدە چارلاش كاتېرى چىقىرىپ رىجاۋ دېڭىز تەۋەلىكى ،يېقىن دېڭىز، دېڭىز ساھىلى قاتارلىق بىرىنچى سەپتە چارلاشنى كۈچەيتكەن،تۆنۈگۈنگىچە رىجاۋ پىڭداۋ ئارىلىنىڭ شىمالىدىن 6 دېڭىز مىلى ئۆپچۆرىسىدە بىر قىسىم تارقاق قىزىل دولقۇن كۆرۈلگەن،ئاساسلىق ھالىتى ،چوڭ كىچىكلىكى ئادەتتىكىچە بەلۋاغسىمان ھەم تەڭگىسىمان ،خىش رەڭگىدە قىزىل كۆرۈنىدىكەن،بۇ قېتىمقى قىزىل دولقۇن بىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئەھۋالىمىزغا قارىغاندا ،بېلىقچىلىق ،ساياھەتچىلىك قاتارلىق كەسىپلەرگە ئاساسىي جەھەتتىن تەسىر كۆرسەتمەيدۇ،چۈنكى كۆلىمى بىر ئاز كىچىك.