ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەتىگەن سائەت 8:15 ئۆتكەندە ئامېرىكىنىڭ ئاتوم بومبىسىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلەلەيمىز. بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى يادرو قورال ئىشلىتىلگەن ئۇرۇشتۇر. ئاتوم بومبىسى خىروسىما شەھىرىگە چۈشكەندىن كېيىن، نەچچە 100 مىڭ كىشىنىڭ جېنىنى ئېلىپ، مەزكۇر شەھەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتكەن.
ئەمما قەبىھ ئامېرىكا بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالماي ئىككىنچى قېتىم 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن 11:2 مىنۇت ئۆتكەندە ياپونىيەنىڭ ناگاساكى شەھىرىگە يەنە بىر قېتىملىق قاقشاتقۇچ ھۇجۇم قىلغان، بۇ ئىنسانىيەت تارىدىكى بىر جەڭدە ئىككىنچى قېتىم يادرو قورال ئىشلىتىلىشى ئىدى. بۇ ھۇجۇم ناگاساكى شەھىرىدىكى 240 مىڭ كىشىنىڭ 148 مىڭ كىشىنى ئېغىر دەرىجىدە تالاپەتكە ئۇچراتقان، مەزكۇر شەھەردىكى قۇرۇلۇشنىڭ تەخمىنەن %38 تى پۈتۈنلەي كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ كەتكەن.
ئۇنداقتا، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىگە ئىككى قېتىم ئاتوم بومبا قويۇپ بېرىشىگە زادى نېمە سەۋەب بولغان؟
بىز بۇنىڭ ئۈچۈن تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىنى ئەسلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەگە ئىككى قېتىم ئاتوم بومبىسى ئىشلىتىشىنىڭ مۇنداق ئىككى تۈرلۈك سەۋەبى بار:
1. 1941-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى باشلىنىپ، 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاخىرلاشقان تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىدىكى ياپونىيەنىڭ كۆرەڭلەپ كېتىشىنى ئامېرىكىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى كەلتۈردى، تىنچ ئوكياندا ھۇجۇم قىلىنغان كىچىك ئاراللاردا ياپونلار زور ئىستىھكام بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ئارمىيىسى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى. ئامېرىكا زادى قايسى ئۇسۇل بىلەن ياپونىيىگە ئۇرۇش قىلىشنى ئويلاپ بېشى قاتتى. ئامېرىكا ياپونىيىگە ئاتوم بومبىسى تاشلاشتىن بۇرۇن ياپونىيە بىلەن بولغان جەڭدە 500 مىڭدىن 1 مىليونغىچە ئەسكىرىنى ئۇ ئالەمگە ئۇزىتىپ بولغانىدى. بۇ خىل زور يوقىتىش ئامېرىكا ئارمىيىسىگە زور خىرىس ئېلىپ كەلدى.
2. بۇ ۋاقىتتا ئامېرىكا ئەمدىلا ئاتوم بومبىسىنى ياسىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىي ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇپ باقمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئاتوم بومبىسىنىڭ پېچىتىنى ئېچىشقا بىر ياخشى پۇرسەت بولدى. بۇنداق قىلغاندا،بىر جەھەتتىن زور ئەسكەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن ئامېرىكا بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سۈرىنى كۆرسىتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرالايتتى.