سۈرەتلىك ئۇچۇر >>   مەزمۇن

ئوباما لادېن ئېتىۋېتىلگەندىن كېيىن چاۋاك چالغانلىقىنى ئىنكار قىلدى

0 2012-05-04 10:40:56   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 خەلقئارا لىنىيەنىڭ مەخسۇس خەۋىرى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك تېلېگراف گېزىتى» نىڭ 2- مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بازا تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى بىن لادېننىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا لادېننىڭ ئۆلۈم خەۋىرى دەلىللەنگەندىن كېيىن ئۇ مەسلىھەتچىسى بىلەن چاۋاك ئۇرۇپ تەبرىكلىگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ سايلام رىقابەتچىسى ئۇنى بىن لادېننىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىك ۋەقەسىدىن پايدىلىنىپ سايلام رىقابىتى پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈردى دەپ ئەيىبلىگەندە، ئوباما بۇنى ئىنكار قىلىپ مۇنداق دېدى: مېنىڭچە مېنى چاۋاك ئۇرۇپ تەبرىكلىدى دېگەن كىشىلەر خاتالاشتى، چۈنكى سىزنىڭ كۆرگىنىڭىز بىر جەسەتنىڭ سۈرىتى. مەيلى ئۇ كىم بولسۇن، ئۆلۈمگە كەسكىن مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەك.
ئوباما ئۆزىنىڭ تولىمۇ جىددىيلىشىپ، ئالدىنقى كۈنى ئاخشىمى ئادەتتىكىدەك ھوزۇرلىنىپ ئۇخلىيالمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇ: ئەگەر تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ھەرىكىتى مەغلۇب بولۇپ، تېخىمۇ ئېغىر دېپلوماتىيە زىددىيىتى كېلىپ چىقىشىدىن، تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، دېڭىز يىلپىزى تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ئەترىتىنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن.
ئوباما يەنە مۇنداق ئاشكارىلىدى: بىن لادېنغا تۇيۇقسىز زەربە بېرىشنى قارار قىلغاندا، بىرىنچى خانىم مىچېل مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنىڭ بىن لادېننى چۆچۈتىۋېتىشىدىن ئەنسىرىدى، بىز لادېن قېچىپ كەتكۈدەك يەر ئاستى يولىنىڭ بار- يوقلىقىنى بىلمەيمىز. ئەمما تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلانغاندىن كېيىن، ئوباما ئەكسىچە ئۆزىنى خېلى تىنجىپ قالدىم دېگەن، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى قارار چىقارغانلىقىنى بىلگەن.
ئوباما جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان رىقابەتچىسى رومنېينى ئەيىبلەپ: ئەگەر ئۇ پرېزىدېنت بولۇپ قالغان بولسا خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ بىن لادېن يۇشۇرۇنغان جايغا تويۇقسىز زەربە بېرىش قارارىنى چۈشۈرمەيدىغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى، دېدى. ئوباما ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى كۆپ قېتىم رومنېينىڭ 2007- يىلىدىكى سۆزىنى تىلغا ئالدى. ئەينى چاغدا رومنېي: بىن لادېننى قوغلاپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ۋە تېخىمۇ كۆپ زېھىن سەرپ قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ، دېگەنىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博