ئاۋسترىيىلىك ئەرنىڭ ئىچ كىيىمىدىن يەر ئاستى تەشكىلاتىنىڭ يۈز نەچچە مەخپىي ھۆججىتى بايقالدى

0 2012-05-03 10:57:28   نۇر تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە خەۋەرلەر تورىنىڭ 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىكى خەۋىرى: گېرمانىيە ساقچى تەرەپ 2011- يىلى پاكىستاندىن بېرلىنغا كەلگەن 22 ياشلىق ئاۋىستىرىيىلىك ئەر ماقسۇد لودىننى قولغا ئالغان ئىدى. ساقچى تەرەپ ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى تەكشۈرگەندە ھەيران قالارلىق ھالدا ئۇنىڭ ئىچ كىيىمىدىن بىر تال رەقەملىك ئاككۇمۇلياتور تېپىۋالغان، ئىچىدە شەھۋانى سىنالغۇلار بار ئىدى. نەچچە ئاي مەخپى شىفىرنى يېشىش ئارقىلىق، شەھۋانى سىنالغۇنىڭ نىقابى ئاستىدا بۇ ئاككۇمۇلياتوردا يۈزدىن ئارتۇق يەر ئاستى تەشكىلاتىنىڭ مەخپى ھۆججەتلىرى بار ئىكەنلىكى بايقالدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە، يەر ئاستى تەشكىلاتىنىڭ ئىنتايىن يۈكسەك ئىرادىلىك ھۇجۇم سۈيقەستلىرى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانى بار ئىكەن. شىفىرنى يەشكەن سانلىق مەلۇماتلار يەر ئاستى تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇم سۈيقەستلىرى ساياھەت كېمىسىنى بۇلاش، ياۋروپا دۆلەتلىرىگە 2008- يىلىدىكى بومبايغا ئوخشاش تېرورلۇق ھۇجۇم قوزغاش قاتارلىقلار ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. ئۇلار يەنە كېمىدىكى ساياھەتچىلەرنى تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق، ھۆكۈمەت تەرەپكە بېسىم ئىشلىتىشنىمۇ پىلانلىغان. ئەگەر تېرورچى گۇماندارلارنى قويۇپ بېرىشتەك تەلىپى ئورۇندالمىسا، بۇ تۇتقۇنلارغا گۋانتانامو تۈرمىسىدىكى گۇماندارلارغا ئوخشاش كىيىم كىيدۈرۈلگەندىن كېيىن ئۆلتۈرۈلىدىكەن. ئۆلتۈرۈلگەن نەق مەيدان سۈرەتكە ئېلىنىپ تارقىتىلىدىكەن.
   بىر ھۆججەتنىڭ ئىسمى« كەلگۈسىدىكى خىزمەت» بولۇپ، بۇنى يازغان ئادەم بەلكىم يەر ئاستى تەشكىلاتىنىڭ مەركەزلىك ئادىمى بولىشى مۇمكىن. بۇ ھۆججەتتە دېيىلىشىچە، تەشكىلات يېڭى ھۇجۇم قىلىش ئوبېكتى ۋە ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشى كېرەكلىكى يېزىلغان. يەنە تېخى تېرورچىلارنىڭ مەشق ئەھۋالى قوللانمىسى نېمىسچە، ئىنگىلىزچە ۋە ئەرەبچىگە ئايرىپ يېزىلغان.
  تەكشۈرگۈچى خادىملارنىڭ دېيىشىچە، يەر ئاستى تەشكىلاتى ناھايىتى ئېغىر بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ غەربتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ناھايىتى چىڭ نازارىتى ئاستىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار تېخىمۇ كۆپ ھۇجۇم ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشى، ھەرىكەتتىن بۇرۇن ئەتراپلىق پىلانلىشى كېرەك. تەكشۈرگۈچى خادىملارنىڭ دېيىشىچە، يەر ئاستى تەشكىلاتى ھازىر ئىككى خىل ھۇجۇمنى پىلانلاۋېتىپتۇ: بىرسى، تۆۋەن تەننەرخى ۋە تۆۋەن پەن- تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان ئادەتتىكى ھۇجۇم. يەنە بىرى، 9.11 غا ئوخشاش چوڭ كۆلەملىك ھۇجۇم.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر