خەلقئارا تېز لېنىيىسى خەۋىرى: شۇ جاي ۋاقتى 2012- يىلى 28- ئاپرىل مىسىرنىڭ قاھىرەدە ئىسلام ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلىرى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، سايلام كومىتىتىنىڭ ئىككى نەپەر ئىسلام نامزاتىنىڭ سالاھىيىتىنى بىكار قىلغانلىقى ۋە مۇبارەك دەۋرىدىكى سابىق زۇڭلى شەفىقنىڭ سايلامغا قاتنىشىشىغا يول قويغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرگەن، نامايىشچىلار دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئالدىغىچە يېتىپ كەلگەن، ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئالدىدا جىم ئولتۇرۇپ كۈچ كۆرسىتىۋاتقان چاغدا ” توپىلاڭچى“ لارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئېتىراز بىلدۈرگۈچى ئامما بىلەن ” توپىلاڭچى“ لار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. مىسىر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توقۇنۇشتا 91 نەپەر ئادەم يارىلانغان.
نامايىشچىلار ئىسلام نامزاتلىرىنىڭ سالاھىيىتى بىكار قىلىنغ...
شەنشىدا 120 مىڭ ساندۇق كولاكولادىن دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى چى...
«غەزەپلەنگەن قۇشقاچ » بوشلۇق نۇسخىسى بازارغا چىقىپ 35 كۈندە 5...
كېنتاكىيدىن زەھەرلەنگەن قىز 8 مىليون 300 مىڭ دوللارغا ئېرىشتى
ئامېرىكا زۇڭتۇڭ نامزاتى رۇمېنىي سايلامغا 76مىليون 600 مىڭ دول...