جۇڭگو رادىيو تورىنىڭ 29- ئاپرېل تەييۈەندىن ئەۋەتكەن ئۇچۇرى (مۇخبىر يۆ شۈخۈي): شەنشى ئۆلكىلىك سۈپەت- تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرىدا مۇنداق دېيىلدى: تاراتقۇلاردا تىلغا ئېلىنغان «كوكاكولا (شەنشى) ئىچىملىك چەكلىك شىركىتى تەركىبىدە خىلور بار يۇمشىتىلغان سۇنى بىر قىسىم ئىچىملىك مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇۋېتىش» ۋەقەسىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئالاقىدار قانۇننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، 28- ئاپرېل شەنشى ئۆلكىلىك سۈپەت- تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى كوكاكولا (شەنشى) ئىچىملىك چەكلىك شىركىتىگە ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ تۈزىتىشتەك مەمۇرىي چارە قوللاندى.
سۈرەتتە: 16- ئاپرېل كوكاكولا شىركىتى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىتا ئېلان قىلغان باياناتى
شەنشى ئۆلكىلىك سۈپەت- تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى 19- ئاپرېل كوكاكولا (شەنشى) ئىچىملىك چەكلىك شىركىتىگە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈش، خاتىرە كۆرۈش، خادىملاردىن سوئال سوراش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، تاراتقۇلاردىكى ئاخباراتنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەكشۈرۈش جەريانىدا، يەنە بۇ شىركەتنىڭ بىر قىسىم ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەسلىكتەك مەسىلىلەرمۇ بايقالدى. 28- ئاپرېل شەنشى ئۆلكىلىك سۈپەت- تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى كوكاكولا (شەنشى) ئىچىملىك چەكلىك شىركىتىگە ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ تۈزىتىشتەك مەمۇرىي چارە قوللاندى.
16- ئاپرېل، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى جۇڭگو ئاۋازى قانىلىنىڭ «خەۋەرنىڭ ئېنى»، جۇڭگو رادىيو تورىدا «شەنشىدىكى توققۇز تۈركۈم كوكاكولا مەھسۇلاتىغا تەركىبىدە خىلورلۇق بىر تەرەپ قىلىنىدىغان سۇ بار دەپ گۇمانلىنىلغان بولسىمۇ، لاياقەتلىك مەھسۇلات قاتارىدا سېتىلماقتا» دېگەن خەۋەرخە`خە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە، كوكاكولا (شەنشى) ئىچىملىك چەكلىك شىركىتىنىڭ خادىمى مۇخبىرغا مۇنداق ئاشكارىلىغان: تۇرۇبا يولى ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا، دېزىنفېكسىيە قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان خىلورلۇق بىر تەرەپ قىلىنىدىغان سۇ شىركەتنىڭ توققۇز تۈركۈملۈك، قىممىتى بەش مىليون يۈەن ئەتراپىدا كېلىدىغان 120 مىڭ ساندۇق كوكاكولا مەھسۇلاتىغا ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن، ھازىر بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم مەھسۇلاتلار لاياقەتلىك مەھسۇلات سۈپىتىدە بازاردا سېتىلماقتا.
شۇنىڭدىن كېيىن، شەنشى ئۆلكىلىك سۈپەت- تېخنىكا نازارەتچىلىك تارماقلىرى بۇنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.
شەنشىدا 120 مىڭ ساندۇق كولاكولادىن دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى چى...
«غەزەپلەنگەن قۇشقاچ » بوشلۇق نۇسخىسى بازارغا چىقىپ 35 كۈندە 5...
كېنتاكىيدىن زەھەرلەنگەن قىز 8 مىليون 300 مىڭ دوللارغا ئېرىشتى
ئامېرىكا زۇڭتۇڭ نامزاتى رۇمېنىي سايلامغا 76مىليون 600 مىڭ دول...
تاۋۇز قاچىلىغان يۈك ئاپتوموبىلى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ئامما تاۋۇزن...