تاۋۇز قاچىلىغان يۈك ئاپتوموبىلى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ئامما تاۋۇزنى تالان تاراج قىلدى

02012-04-27 12:46:52   نۇر تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    تۈنۈگۈن ئەتىگەن،بىر تاۋۇز قاچىلىغان يۈك ئاپتوموبىلى تورمۇزلانغاندىن كېيىن گۇاڭ كۈن يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولى يۈننەن ئۆلكىسى فۇلىڭ ناھىيىسى جىسا بۆلىكىدىكى يولدا ئۆرۈلۈپ،بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان يېقىن ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرى تېزدىن يىتىپ كېلىپ تاۋۇزنى تالاپ كەتتى.بىراق ۋېن شەن جۇ قاتناش ساقچى شۆبە ئەترىتى نەق مەيدانغا يىتىپ كېلىپ ئۆز ۋاقتىدا كونترول قىلدى.
   تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا،تۈنۈگۈن ئەتىگەن گۇاڭ كۈن يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولى يۈننەن ئۆلكىسى فۇلىڭ ناھىيىسى جىسا بۆلىكىدىكى يولدا بىر تاۋۇز قاچىلىغان چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى ئۆرۈلۈپ تاۋۇزلار يولنى بىر ئالغان.يېقىن ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرى ئەھۋالدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن تېزدىن نەق مەيدانغا يىتىپ كېلىپ ئاپتوموبىلنى ئورىۋېلىپ تاۋۇزنى تالان تاراج قىلغان.شۇ چاغدا شوپۇر ۋاڭ ئۇستام بۇنچە جىق كىشىلەرنىڭ نەدىن پەيدا بولغانلىقىنى بىلمەي قالغان.ھەمدە تاۋۇزلارنىڭ بۇلاڭ تالاڭ قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارنى توسىغان بولسىمۇ كەتكۈزەلمەي يىغلىۋەتكىلى تاسلا قالغان.
   مانا مۇشۇنداق چاغدا ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان فۇلىڭ يۇقىرى سۈرەتلىك چوڭ ئەترىتى قاتناش ساقچىسى تېزدىن نەق مەيدانغا يىتىپ كېلىپ،ئاممىنى توسۇپ قالغان.ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت قۇتقۇزۇش ئارقىلىق ،قاتناش ساقچىسى ئاخىرى ۋەقە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىلنى ئوڭۇشلۇق قۇتۇلدۇرۇپ،مال ئىگىسىنىڭ زىيىنىنى كونترول قىلغان.
شوپۇر ۋاڭ ئۇستام مۇخبىرغا تاۋۇز توشۇغىلى مېڭىپ قاتتىق تورمۇزلانغانلىقتىن ئاپتوموبىلنىڭ ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى،تەلىيىگە يارىشا يارىلانمىغانلىقىنى،قاتناش ساقچىلاردىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ئىتتى.
فۇلىڭ يۇقىرى سۈرەتلىك چوڭ ئەترىتى يېتەكچىسى ۋاڭ ۋېن چاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە،كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئومۇمنىڭ تاۋۇزنى تالان تاراج قىلىشى جەمئىيەت ئامانلىقىنى تۈزەش نىزامىنىڭ 49 - ماددىسىغا خىلاپ بولۇپ،مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئىتتى.