5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى ئۇچۇر ، ئويۇن ئېچىش شىركىتى Rovioنىڭ ئورگان بلوگىدا ئىپادىلىشىچە ، « غەزەپلەنگەن قۇشقاچ بوشلۇق نۇسخىسى » بازارغا چىقىپ 35كۈندە 50مىليوندىن ئارتۇق چۈشۈرۈلۈپ ، دۇنيادىكى چۈشۈرۈلۈش مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تىز بولغان كۆچمە ئويۇنغا ئايلاندى .
Rovioنىڭ ئىپادىلەپ :« بۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجە بولدى ، بۇ ئويۇننىڭ ئالقىشقا ئېرىشىش پۈتۈن Rovio ئەترىتىنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇردى . بىز پۈتۈن دۇنيادىكى « غەزەپلەنگەن قۇشقاچ» ئويۇنىنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز . گەرچە « غەزەپلەنگەن قۇشقاچ » ئويۇنى دۇنيادىكى نۇرغۇن ئوينىغۇچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ ، لېكىن بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا ، كەلگۈسى كىشىلەر ياقتۇرىدىغان ئەڭ يېڭى ھوزۇرلارنى يارىتىشقا كۈچ چىقىرىدۇ .بىز « غەزەپلەنگەن قۇشقاچ بوشلۇق نۇسخىسى »نىڭ بىرىنچى ھەقسىز نۇسخىسى تارقاتتۇق ، كەلگۈسىدە يەنە تېخىمۇ ياخشى مەزمۇنلارنى يولغا قويىمىز .» دىدى .
Rovioنىڭ كۆرسىتىشىچە ، « غەزەپلەنگەن قۇشقاچ بوشلۇق نۇسىخسى» ئويۇنىنىڭ چۈشۈرۈش مىقدارى 50مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن ، بۇ « شەزەپلەنگەن قۇشقاچ » ئويۇنىنىڭ ھازىرقى چۈشۈرۈش قېتىم سانىنىڭ 750مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .
« غەزەپلەنگەن قۇشقاچ بوشلۇق نۇسىخسى» iOS、Android、PC ۋە Mac قاتارلىق سېستىمىلارنى قوللايدۇ ، Rovio نىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ھەقسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن نەشىرى iOSۋە Androidنۇسخىسىدا يېڭى 10ئۆتكەل قېتىلغان .
«غەزەپلەنگەن قۇشقاچ » بوشلۇق نۇسخىسى بازارغا چىقىپ 35 كۈندە 5...
كېنتاكىيدىن زەھەرلەنگەن قىز 8 مىليون 300 مىڭ دوللارغا ئېرىشتى
ئامېرىكا زۇڭتۇڭ نامزاتى رۇمېنىي سايلامغا 76مىليون 600 مىڭ دول...
تاۋۇز قاچىلىغان يۈك ئاپتوموبىلى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ئامما تاۋۇزن...
ھىندىستاندىكى دېھقانلار سۈت باھاسىنى تۆۋەنلىتىشكە قارشى نا...
ئەنگىلىيەدە كىشىلەرنى قان تەقدىم قىلىشقا مۇراجىئەت قىلىش ئ...