ئامېرىكا زۇڭتۇڭ نامزاتى رۇمېنىي سايلامغا 76مىليون 600 مىڭ دوللار چىقاردى

0 2012-04-28 10:53:27   جۇڭشىن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   رەسىمدە شۇ جاي ۋاقتى 1- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ سايلامغا قاتنىشىش نامزاتى رۇمېنىي فلورىدا شىتاتىنىڭ مىئامى شەھىرىنىڭ سىرتىدا ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ھەشەمەتلىك بىر مەيدان پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، بۇ قېتىمقى جەڭگە ئۆزىنى ئاتىغانلىقىنى جاكارلىغان ، بۇنىڭ بىلەن  نۇرغۇن قوللىغۇچىلار ۋە مۇخبېرلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان.

   جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ 27- ئاپرېلدىكى خەۋىرى: ئامېرىكا« خون ئارىلى كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى» دە دېيىلىشىچە، رۇمېنىينىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى بولىشىغا قىل سىغمايدۇ، بىراق غەلبىنىڭ قولغا كەلمىكى ناھايىتى مۈشكۈل بولدى. 10 ئادەم سايلامغا قاتنىشىدىغان بولغاچقا، رىقابەت ناھايىتى كەسكىن. تۇنجى قېتىملىق بېلەت تاشلاشتىن تارتىپ ھازىرغىچە رۇمېنىي سايلام ئۈچۈن 76مىليون 600 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ بولدى، تەخمىنەن 18.5 ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ھەربىر تال قوللىغۇچى بېلەتكە ئېرىشكەن بولدى. 126 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن پارتىيە ۋەكىلىنىڭ قوللاش بېلىتىگە ئېرىشكەن بولدى.
3- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، رۇمېنىي جەمئىي 607 تال پارتىيە ۋەكىلىنىڭ قوللاش بېلىتىگە ۋە 4 مىليون 100 مىڭ ئادەتتىكى قوللاش بېلىتىگە ئېرىشتى. يەنى، تەخمىنەن 18.5 ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ھەربىر تال قوللىغۇچى بېلەتكە، 126 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن پارتىيە ۋەكىلىنىڭ قوللاش بېلىتىگە ئېرىشتى.
رۇمېنىينىڭ چىقارغان 76مىليون 600 مىڭ دوللار پۇلى نۇرغۇن خىراجەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇلار مېھمانساراي، يىمەك- ئىچمەك، سايمان-جابدۇقلار، بوغالتىر مۇلازىمىتى، ماشىنا ئىجارىگە بېرىش، بوشلۇقتا ساياھەت قىلىش، پائالىيەت مەسلىھەتى سوراش ۋە توردا ئېلان تەشۋىق قىلىش قاتارلىقلار. مەسىلەن، رۇمېنىي كوللىكتىۋى 3- ئايدا بوتۇلكىغا قاچىلانغان گازلىق سۇ ئۈچۈن 871 ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلدى. 1966 ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ ئىشخانىغا كېرەكلىك ئەسلىھەلەرنى سېتىۋالدى. 11 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنى مالداۋ مېھمانسارىيىغا تۆلىدى. 70 مىڭ دوللارنى بولسا بىر مەسلىھەتچىلىك قىلىدىغان شىركەتكە تۆلىدى.
رۇمېنىيغا سېلىشتۇرغاندا، كېڭرىچ 3- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە جەمئىي 21 مىليون دوللار چىقىم قىلدى. 141 تال پارتىيە ۋەكىلىنىڭ قوللاش بېلىتىگە ۋە 2 مىليون 200 مىڭ ئادەتتىكى قوللاش بېلىتىگە ئېرىشتى. يەنى، تەخمىنەن10 ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ھەربىر تال قوللىغۇچى بېلەتكە، 150 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن پارتىيە ۋەكىلىنىڭ قوللاش بېلىتىگە ئېرىشتى.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئەگەر ئالاھىدە سىياسىي ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنىڭ چىقىمىنىمۇ ھېسابلىسا، رۇمېنىينىڭ خەجلىگەن پۇلى 122 مىليون دوللارغا يېتىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ھەربىر تال قوللىغۇچى بېلەت 30 ئامېرىكا دوللىرىغا، ھەربىر پارتىيە ۋەكىلىنىڭ قوللاش بېلىتى 200 مىڭ دوللارغا بارىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博