فىرانسىيە خەۋەرلەر كوپېراتىۋىنىڭ 27- ئاپرېلدىكى خەۋىرى: ئاۋىسترالىيىلىك قىز مونىكا سامان كېنتاكىينىڭ توخۇ تۈردىكى يىمەكلىكلىرىنى يەپ، مېڭىسى زەخمىلىنىپ مېيىپ بولۇپ قالغان. يېقىندا ئاۋىسترالىيىنىڭ يېڭى جەنۇبى ۋېللېس يۇقىرى سوت مەھكىمىسى بۇ قىزچاقنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ دەۋادا ئۇتقانلىقىنى ئېلان قىلىپ، كېنتاكىي سامان ئائىلىسىگە 8 مىليون 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى( تەخمىنەن 52 مىليون 230 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) تۆلەم بېرىشىنى بۇيرۇغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 2005- يىلى 10- ئايدا، 7 ياشلىق مونىكا سامان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كېنتاكىينىڭ يېمەكلىكلىرىنى يەپ، بىئاراملىق ھېس قىلغان بولۇپ، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى بولغان. مونىكانىڭ ئەھۋالى ئەڭ خەتەرلىك بولۇپ، قان ئايلىنىشتىن يۇقۇملىنىش ۋە قان بۇزۇلۇشتىن شوك بولۇپ قالغان. تەكشۈرۈپ دېئاگنوز قويۇش ئارقىلىق، سالمونېللا باكتىرىيىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان مېڭە كېسىلى بولۇپ قالغان دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان. ئۇ ئەستە تۇتۇش، ھەرىكەت قىلىش، ئىپادىلەش قاتارلىق جەھەتلەردە پالەچ بولۇپ قالغان.
مونىكا ساماننىڭ ئادۋوكاتى مۇنداق دەيدۇ: ئۇنىڭ مېڭىسىنىڭ زەخمىلىنىشى ۋە پالەچ بولۇپ قېلىشىنى ئائىلىسىدىكىلەر ئۈستىگە ئالالمايدۇ. چۈنكى كېنتاكىي ھازىرغا كەلگۈچە ھېچقانداق تۆلەم بەرمىدى. ئىگىلىنىشىچە، كېنتاكىي ئالدىنقى ھەپتە نارازىلىق ئەرزى سۇنماقچى بولغان، بىراق ھازىرغىچە ھەرىكەت قىلمىغان.
ئىگىلىنىشىچە، سوت ئاچقاندا سوتچى ستېۋېن روسىمان مۇنداق دېگەن، مەسئۇل خادىملارنىڭ بىخەستىلىكىدىن، يىمەكلىك ئېلىپ كەلگەن كېنتاكىي توخۇ گۆشلىرىنىڭ بۇلغىنىشىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىغان دېگەن.
كېنتاكىيدىن زەھەرلەنگەن قىز 8 مىليون 300 مىڭ دوللارغا ئېرىشتى
ئامېرىكا زۇڭتۇڭ نامزاتى رۇمېنىي سايلامغا 76مىليون 600 مىڭ دول...
تاۋۇز قاچىلىغان يۈك ئاپتوموبىلى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ئامما تاۋۇزن...
ھىندىستاندىكى دېھقانلار سۈت باھاسىنى تۆۋەنلىتىشكە قارشى نا...
ئەنگىلىيەدە كىشىلەرنى قان تەقدىم قىلىشقا مۇراجىئەت قىلىش ئ...