شىنخۇا ئاگېنتلىقى،پارىژ،27-مارت تېلىگىراممىسى:
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى كائىن تۈنۈگۈن فىرانسىيەدە نامى چىققان جىنسىي سودا گورۇھىغا چېتىلىپ قولغا ئېلىندى،ئۇ ئىلگىرى باشقىلارنىڭ پۇلىنى خەجلەپ جىنسىي كېچىلىك ئۆتكۈزگەنىكەن.
ساقچىلار مۇنداق دېيىشتى:62 ياشقا كىرىپ قالغان كائىن ئىلگىرى فىرانسىيەدە مىنىستىرمۇ بولغان،ھازىرغىچە ئۇ نۇرغۇن قېتىم جىنسىي سەتچىلىككە پاتتى.ناۋادا ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى جىنايىتى بېكىتىلسە،سوت ئۇنىڭغا 20 يىللىق قاماق جازاسى بېرىشى مۇمكىن.