ساركوزى فرانسىيە تارىخىدىكى ئەڭ قارشى ئېلىنمىغان زۇڭتوڭ بوپقالدى

127 2012-04-18 10:45:02   نۇر تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

     ئەنگېلىيە <<كۈندىلىك تېلگراف گېزىتى>>نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، فرانسىيە خەلق رايىنى تەكشۈرۈش ئورگىنى Ifop <<كۈندىلىك گېزىتى>>نىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن ئېلىپ بارغان خەلق رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ، ھازىرقى فرانسىيە زۇڭتوڭى ساركوزىي فرانسىيە تارىخىدىكى ھەممىدىن بەك  قارشى ئېلىشقا ئېرىشمىگەن زۇڭتوڭغا ئايلىنىپ قالغان   .
    خەلق رايى تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە ، ساركوزىغا بولغان قارشىلىق نىسبىتى %64كە يەتكەن . بۇ نىسبەت فرانسىيە سابىق زۇڭتوڭى ۋالېرى گىسكارد نىڭ % 46 قارشىلىق نىسبىتىدىنمۇ يۇقىرى ئىكەن ، ۋالېرى گىسكارد 1981-يىلى قايتا سايلانغان . بىر قىسىم ساركوزىنىڭ قوللىغۇچىلىرىمۇ ئۇنىڭ قايتا سايلىنىشىغا ئىشىنىپ بولالمىغان ، بىر پارىژ پۇقراسى مۇنداق دېدى : مېنىڭ قارىشىمچە ساركوزىنىڭ نۇتقى ناھايىتى غەلبىلىك بولدى ، لېكىن بۇ ئۇنىڭ رىقابەتچىسى بىلەن بولغان پەرقنى كىچىكلىتەلمەيدۇ .
    ساركوزى ئۆزىنى <<ئاددى پۇقرا زۇڭتوڭ>> قىلىپ ياساپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ . ئۇ ئۆزىنى بىردىنبىر فرانسىيەنى باشلاپ ئىقتىسادى كىرزىستىن ئۆتۈپ كېتەلەيدىغان  <<كاپىتان>> دەپ  قارىماقتا ، ئۇ يەنە رىقابەتچىسى خوللاندېنىڭ ئىقتىسادى پىلانى فرانسىيەنى يەنە بىر گرېتسىيە ياكى ئىسپانىيەگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ دېدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博