كېنىيە پايتەختىدە گرانات بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

0 2012-05-02 10:45:45   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   خەلقئارا تېز لېنىيىسى خەۋىرى: شۇ جاي ۋاقتى 2012- يىلى 29- ئاپرىل كېنىيە پايتەختى نايرۇبىدىكى بىر چېركاۋ گراناتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. شۇ كۈنى سالاھىيىتى نامەلۇم بىر كىشى بىر گراناتنى چېركاۋدىكى مۇخلىسلارغا قارىتىپ ئاتقان، ھەزىرغىچە بىر ئادەم ئۆلۈپ، 15 ئادەم يارىلانغان، يارىلانغۇچىلارنى باشقا مۇخلىسلار دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان. كېنىيە ئافرىقىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ھىندى ئوكيانغا قاراپ تۇرىدۇ، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالى نىسبەتەن قالايمىقانلاشتى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博