ئسرائىلىيە سابىق زۇڭلىسى يىتجاك رابىننى ھەمكارلىشىپ قەستلەش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئوڭچىل ئۇنسۇر ھازار ئامىر 4-ماي 16 يىللىق قاماق مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلدى .
ھاجاي بۇ يىل 43 ياش بولۇپ ، رابىننى قەستلىگەن ھىزار ئامىرنىڭ ئىنىسى ، 1995-يىلىدىكى رابىننى قەستلەش ھەرىكىتىنى پىلانلاشقا قاتناشقانلىقى سەۋەپلىك 16 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان . 2006-يىلى ، ئۇ ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى ئارىئېل شارونغا تەھدىت قىلغانلىقتىن يەنە 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ، ھىزار مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان .
رابىن 1922-يىلى 1-مارت ئېرۇسالىمدا تۇغۇلغان ، زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇن ئاكتىپ كۈچ چىقارغان . ئۇ ئوتتۇرغا قويغان «زېمىننى تېنچلىققا ئالماشتۇرۇش» سىياسىتى ئىسرائىلىيە ئوڭچىل كۈچلىرىنىڭ قەتئىي قارشىلىقىغا ئۇچراپ ، قەستلەشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ھاجاي ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا پۇشايمان قىلمايدىكەن ، ئۇ قويۇپ بېرىلگەندە ئىسرائىلىيە رادىئو ئىستانسىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن :«مەن ئۆزۈمنىڭ قىلغان ئىشىمدىن پەخىرلىنىمەن .»
ئىسرائىلىيە تېلىۋىزىيىسى 2-قانىلىنىڭ سۈرىتىدە كۆرسىتىلىشىچە ، نەچچە ئونلىغان نامايىشچىلار تۈرمە سىرتىدا يىغىلغان بولۇپ ، قوللىرىدا « بىز كەچۈرمەيمىز، ئۇنتۇپ قالمايمىز» دەپ يېزىلغان پلاكاتلارنى كۆتۈرىۋالغان ئىكەن .