سىز تويىڭىزنىڭ ئۇنتۇلماس ھەم ئۆزگىچە بولىشىنى،رومانتىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلامسىز؟تۆۋەندىكى بۇ بىر جۈپنىڭ تويى ھەقىقەتەن ناھايىتى ئۆزگىچە ھەم بەكمۇ رومانتىك توي.49ياشلىق ئېكسپېدىتسىيىچى Borge Ouslandقەھرىتان سوغۇققا قارىماي،ئايالى Hegeنى ئېلىپ شىمالىي قۇتۇپقا كېلىپ ناھايىتى ئۆزگىچە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.نەق مەيداندا 15ئادەم ئۇلارنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتناشقان،پوپ،يىگىت قولدىشى،قىز قولدىشى،يەنە تىك ئۇچار ئايروپىلان خادىملىرى قاتارلىقلار بۇ بەختلىك مىنۇتلارنى بىللە ئۆتكۈزگەن،ئۇلار دۇنيادىكى شىمالىي قۇتۇپتا «مەن رازى»دېگەن ئەڭ رومانتىك سۆزنى قىلغۇچى بىر جۈپ ئەر-ئايال.