سۈرىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 5-ماي بايانات ئېلان قىلىپ ، دالاي لامانى سۈرىيەنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى .
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن : سۈرىيە دالاي لامانى زىيارەتكە تەكلىپ قىلغانلىق توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق ، زۇڭتوڭ مەھكىمىسى بۇنىڭغا قارىتا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى .
باياناتتا بىلدۈرىلىشىچە ، نۆۋەتتە بۇنداق خەۋەرنىڭ تارقىلىشى جۇڭگو سۈرىيە مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان ، سۈرىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنى قوللايدۇ ، ھەمدە قەتئىي تەۋرەنمەستىن «بىر جۇڭگو» سىياسىتىگە ئەمەل قىلىدۇ .
ئالدىنقى ئاينىڭ 30-كۈنى ، بىر قىسىم رۇسىيە تاراتقۇلىرى كالمىيكىيا جۇمھۇريىتىنىڭ سابىق زۇڭتوڭى ، دۇنيا خەلقئارا شاھمات بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلۇمرىنوفنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن : سۈرىيە زۇڭتوڭى باشار دالاي لامانى سۈرىيەدە زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ ، بۇ دۆلەتتىكى بىر بۇددا دىنى بۇتخانىسى ئۈچۈن دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ بەردى ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ، دەمەشىقتە نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر چوڭ يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدى .
ئىلۇمرىنوف 28-ئاپرېلدىن 29-ئاپرېلغىچە سۈرىيەدە زىيارەتتە بولغان ، ھەمدە سۈرىيە زۇڭتوڭى باشار بىلەن سۆھبەتلەشكەن .
ھەمبەھىرلىنىڭ