ئالى مەكتەپ ئېمتىھان بېرىدىغانلار سىنىپتا ئوكۇل سالدۇرغاچ ئۆگىنىش قىلدى

02012-05-07 13:15:19   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   چاڭجياڭ سودا گېزىتى خەۋىرى، ئالى مەكتەپ ئىمتىھاننىڭ يىقىنلاپ كىلىشىگە ئەگىشىپ، خۇبېي شېياۋگەن بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتىپىدە تارىختىكى ئەڭ مۇشەققەتلىك ‹ئوكۇل سېلىپ تۇرۇپ ئۆگىنىش› سىنىپى بارلىققا كەلدى. بۇ سۈرئەت مىكرو بىلوگدا ئېلان قىلنغاندىن كېيىن تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇلاھىزىسىنى قوزغىغان. سىنىپ ئىچىدە نۇرغۇن ئوقوغۇچىلار بىر تەرەپتىن ئوكۇل سالدۇرغاچ يەنە بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش قىلۋاتقان بولۇپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ سالدۇرۇۋاتقان ئوكۇلى بولسا ئوقۇغۇچىلارغا ئېنېرگىيە تولۇقلايدىغان ئامىنو كىسلاتاسى ئىدى.
مەكتەپ: دۆلەت ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى بىرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئامىنو كىسلاتاسى تولۇقلىما بەرگەن
تۈنۈگۈن مۇخبىر شېياۋگەن بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتىپى بىلەن ئالاقىلاشقان، ئىشخانا مۇدىرى شىيا مۇدىر مۇخبىرغا سۈرئەتتىكى ئوكۇل چۈشۈۋاتقان سىنىپنىڭ تولۇق 3ـ(3) ئىكەنلىكى، ئوقۇغۇچىلارغا چۈشۈۋاتقان ئوكۇلنىڭ بوسا ئوقۇغۇچىلارغا ئېنېرگىيە تولۇقلايدىغان ئامىنو كىسلاتاسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
‹ دۆلەتنىڭ بەلگىلمىسى بويىچە، ھەر يىلى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى بىرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا 10 يۈەنلىك ئامىنو كىسلاتاسى تولۇقلىما بەرگەن. ئەگەر ئوقوغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدا بىنورماللىق كۆرۈلسە مەكتەپ دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ئامىنو كىسلاتاسى ئۇرۇپ قويۇشنى تەلەپ قىلسا بولۇدىكەن.
شېيا مۇدىر چۈشەندۈرۈپ؛ ئالدىنقى كۈنلەردە ھاۋانىڭ ياخشى بولماي، بىر قىسىم ئوقوغۇچىلارنىڭ ساقسىز بولۇپ قالغانلىقى، ئالى مەكتەپ ئىمتىھاننىڭ يىقىنلاپ كىلىشىگە ئەگىشىپ، مەكتەپ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ رازى بولۇش پىرىنسىپى ئاستىدا تولۇق ئۈچۈنچى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنى مەكتەپ دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ئامىنو كىسلاتاسى ئۇردۇرۇشقا تەشكىللىگەن. ئوقوغۇچىلار كۆپ بولغانلىقتىن مەكتەپ دوختۇرخانىسىغا پاتماي ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنۈشىگە تەسىر يەتكەن. ئوقوغۇچىلارنىڭ تەكرارىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ھەم ئوقوغۇچىلارنىڭ مەكتەپ دوختۇرخانىسى بىلەن سىنىپ ئارلىقىدا يۈگۈرۈپ يۈردىغان ۋاقتىنى تېجەش ئۈچۈن مەكتەپ ئوقوغۇچىلارنى سىنىپتا ئولتۇرۇپ ئامىنو كىسلاتاسى ئۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان.
ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ رولى
ئامىنو كىسلاتاسى چوڭ مىڭىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈدۇ، جېگەر ۋە ئۆتنىڭ ئاساسلىق تەركىبى، ماينىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھۈجەيرىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدۇ، ئاشقازان سۇيۇقلىقى ۋە ئاشقازان ئاستى بەز سۇيۇقلىقىنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، قىزىل قان ئاقسىلى ئىشلەپ چىقېرىدۇ، قان زەردابىنى تازىلايدۇ، تال ۋە لىمفانىڭ ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.