ئامېرىكا دوللىرى بېسىش زاۋۇتىنى زىيارەت

0 2012-05-08 10:55:50   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

     ئامېرىكا دوللىرى كۆپ قىسىم دۆلەتلەرگە تارقىلىدىغان بولۇپ،ئۇ يەنە يەر شارى پۇل-مۇئامىلە ئىقتىسادىنىڭ سېمۇۋۇلى.شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا دوللىرى بىز ئۈچۈن يەنىلا بىر ئاز سىرلىق.يېقىندا مۇخبىر ۋاشىنگىتۇنغا جايلاشقان پۇل بېسىش زاۋۇتىنى زىيارەت قىلدى،بېخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن بىزگە ئالدى بىلەن تېلېۋېزىيە فىلىمى ئارقىلىق ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ھەقىقىسى بىلەن ساختىسىنى پەرىقلەندۇرۇش ئالاھىدىلىكلىرى تونۇشتۇرۇلدى،ئاندىن بىز ئەينەك تامنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ ئامېرىكا دوللىرىنى بېسىپ چىقىرىش جەريانىنى كۆردۇق.تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا،بىر ئامېرىكا دوللىرىلىق قەغەز پۇل 18 ئاي ئىشلىتىلگەندىن كېيىن شەكلى ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن ئوبۇرۇتتىن چېكىندۈرۈلىدىكەن.
     ئامېرىكا دۆلەتلىك پۇل بېسىش زاۋۇتى ۋاشىنگىتۇن شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇب رايۇنى 14-نومۇرلۇق كوچىسىغا جايلاشقان بولۇپ،ھەر دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە چۈشتىن بۇرۇن سەككىز يېرىمدىن چۈشتىن كېيىن سائەت 3 گىچە ئاممىغا ئېچىۋېتىلىدۇ،ئىشىك بېلەت ئېلىنمايدۇ.ئۇندىن باشقا ئۇ يەردە يەنە 24 سائەت تېلېفۇندا تەكشۈرگىلى بولىدۇ.
    پۇل بېسىش ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش تېخنىكىسى قەتئىي مەخپىيەتلىك بولۇپ،ئۇ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىدارىسىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.پۇل بېسىش زاۋۇتىدا قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورۇنتۇلغان بولۇپ،ھەر بىر ئۈسكۈنە ئىشلىتىش جەريانىدا كېرەكتىن چىقسا دەرھال كۈيدۈرۋېتىلىدۇ.

 

 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博