5 -ئاينىڭ 7-كۈنى خۇنەن ئۆلكىلىك بالىلار دوختۇرخانسى ،ئىغىر بەدەن بىر يېرىم ياشلىق قىز بوۋاق دەن دەننىڭ يول مېڭىشىنىمۇ بىر قېيىن ئىشقا ئايلاندۇرۇپ قويدى.
بىر يېرىم ياشلىق قىز بوۋاق دەن دەن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)نىڭ ئېغىرلىقى 21 كىلوگىرامغا يېتىدىغان بولۇپ،ئادەتتىكى نورمال بوۋاقلارنىڭ تەن ئېغىرلىقىدىن ئېشىپ كەتكەن،ئىغىر بەدەن، بىر يېرىم ياشلىق قىز بوۋاق دەن دەننىڭ يول مېڭىشىنىمۇ بىر قىيىن ئىشقا ئايلاندۇرۇپ قويغان، ئاتا-ئانىسى دەن دەننى ئېلىپ يۇرتى يۇڭجۇدىن چاڭشاغا كېلىپ 5-ئاينىڭ 7-كۈنى خۇنەن ئۆلكىلىك بالىلار دوختۇرخانىسدا دىئاگىنوز قويدۇرغان.
دەن دەننىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ئۇلار يۇڭجۇ شەھرى لەنشەن ناھىيسىدە دېھقان بولۇپ ،ئىلگىرى يەرلىك دوختۇرخانىدا ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرگەن بولسىمۇ ئۈزۈل-كېسىل بىر جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن بولغاچقا بۇ قېتىم ئۆلكىلىك بالىلار دوختۇرخانىسدا دىئاگىنوز قويدۇرغىلى كەلگەن ئىكەن،
دەن دەننىڭ ئانىسى فىڭ شىياۋچىننىڭ دىيىشىچە:دەن دەن ھازىر بىر يېرىم ياشتىن ئاشتى،3.5كىلوگىرام تۇغۇلغان،ئەمما ئېيىغا توشقاندىن كىينلا ئۆسۈشى تېزلەپ كەتكەن،بىر ياشقا كىرگەندە 15كىلوگىرام كەلگەن،(ئۇنىڭ كۈندىلىك تاماق مىقدارى بەك جىق،ھەر ۋاخ تامىقىغا چوڭ يېرىم قاچا گۈرۈچ ئېشى يەيدۇ،سۇنىمۇ كۆپ ئىچىدۇ)ئۇنىڭ تونۇشتۇرىشىچە دەن دەن تېخىچە ماڭالمايدىكەن،ئېھتىمال زىيادە سېمىزلىك ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە قولايسىزلىق كەلگەن بولۇشى مۇمكىن،ئائىلىسىدە سېمىزلىك ئاسارىتىگە گىرىپتار بولغانلار يوق بولۇپ ئۆزىنىڭ 5ياشقا كىرگەن يەنە بىر قىزى بەكلا ئورۇق بولۇپ ئاران 13كىلوگىرام كېلىدىكەن،
دوختۇرخانىنىڭ بالىلار ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى خادىمى دەن دەننىڭ بوي ئېگىزلىكى ،بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچىگەن،بىر يېرىم ياشقا كىرگەن ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى 83.5سانتىمىتىر،ئېغىرلىقى 21كىلوگىرام بولۇپ دوختۇرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە نورمال ئەھۋالدا بىريېرىم ياشلىق قىز بوۋاقنىڭ ئۆلچەملىك ئىغىرلىقى 10.65كىلوگىرام ئىكەن ،ئۇنىڭ ھازىرقى ئېغىرلىقى 21كىلوگىرام بولۇپ نورمال بوۋاقلارنىڭ ئىككى ھەسسىچىلىك كېلىدىكەن،
5 -ئاينىڭ7-كۈنى خۇنەن ئۆلكىلىك دوختۇرخانا بالىلار ساقلىقنى ساقلاش پونكىتىنىڭ مۇدىر ۋىراچى جۇڭ يەن دەن دەننىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا قارىتا دەسلەپكى قەدەمدە چۈشەنچە بەرگەن بولۇپ دەن دەنگە ئوخشاش بىر يېرىم ياشتا ئېغىرلىقى 21 كىلوگىرامغا يىتىش سېمىزلىك كېسىلىنىڭ ئاسارىتى ئىكەن ،ئەمما كېسەللىكنى پەيدا قىلغۇچىنىڭ قايسى ئەزا ئىكەنلىكىنى تازا ئېنىق بىر نېمە دىگىلى بولمايدىكەن،شۇڭا ۋاقتىنچە قايسى تىپتىكى سېمىزلىك ئىكەنلىكىنىمۇ بېكىتكىلى بولمايدىكەن،
جۇڭ يەننىڭ تونۇشتۇرىچە:سېمىزلىك ئادەتتىكى سېمىزلىك ھەم قايتا قوزغىلىشچان سېمىزلىك دەپ ئايرىلىدىكەن،ھازىر دەن دەننى مېڭە ئاستى بېزى قاتارلىق تەرەپلەردە تەكشۈرگەندىن كىيىن تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئەگەر سېمىزلىك مەلۇم ئەزالاردىكى كېسەل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا داۋالاش تەدبېرى قوللىنىلىدىكەن،ئەگەر كېسەللىك بىلەن ئالاقىدار بولمىسا ئادەتتىكى سېمىزلىك بولۇپ يېمەك -ئىچمەككە دېققەت قىلىپ ھەرىكەت تەرەپتىن تەڭشىسە بولىدىكەن.