دۇنيادىكى ئەڭ سېمىز ئەرنىڭ ئورنىدىن تۇرمىغىنىغا 11 يىل بولغان

0 2012-05-09 10:50:55   ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

     چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 7-مايدىكى خەۋىرى : ئەنگلىيىلىك «ۋەھشىي سېمىز» ئەر كېيس مارتېن ئىسمى جىسمىغا لايىق دۇنيادىكى ئەڭ سېمىز ئەر ، ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.75 مېتىر ، بەدەن ئېغىرلىقى 368 كىلوگرام ، بەل ئايلانمىسى 1.8 مېتىر . مارتىننىڭ مېڭىپ يۈرۈشى قىيىن بولغانلىقتىن ، كۈن بويى كارىۋاتتا يېتىۋاتقىنىغا 11 يىل بولغان ، ئۆي ئىشىكىدىن يېرىم قەدەممۇ سىرتقا چىقىپ باقمىغان . 42 ياشلىق مارتىننىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇنىڭ ئالدىنقى قېتىم ئۆيدىن سىرتقا چىقىشى 2001-يىلى 11-سېنتەبىر ، دەل ئامېرىكا نيۇيورك تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان كۈنى . شۇ ۋاقىتتىن كېيىن ، ئۇنىڭ بەدەن شەكلى ئۈزلۈكسىز يوغىناشقا باشلاپ ، دۇنيادىكى ئەڭ سېمىز ئەرگە ئايلىنىپ قالغان . ئۇ نورمال ھەرىكەت قىلالمىغاچقا ، ئۆزىنى چۈشكۈن ھېس قىلاتتى ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنىمۇ ئويلىغان ، ئۇ ئورۇقلاشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدۇ . ئىگىلىنىشىچە ، مارتىننىڭ ئىشتىھاسى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىكەن ، ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققاندا ئۇ كۈنگە 120 مىڭ كالورىيە ئوزۇقلىنىدىكەن . لېكىن ھازىر كۈنىگە پەقەت 1500 كالورىيە ئوزۇقلۇق يېيىشى چەكلەنگەن . ئەتىگەنلىك تاماقتا ، ئۇ بىر قېتىمدا بىر بولاق باكون ، 6 تال كولباسا ، 6 تال تۇخۇم ، بىر دۆۋە بولكا ۋە پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى يۇتۇۋېتەلەيدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر