شىنخۇا ئاگېنتلىقى 7-ماي نيويورك تېلېگراممىسى، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كىلىنتون 7-ماي ھىندىستاننى زىيارەت قىلغان ۋاقىتتا ئۆز كۆڭلىدىكىنى ئاشكارىلاپ ،ھايات ۋاقتىمدا ئامېرىكىدا ئايال زۇڭتۇڭنىڭ سايلىنىپ چىققانلىقىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن دېدى. ھىلارى شۇ كۈنى كالكوتتادىكى بىر مەكتەپتىكى بىر پائالىيەتتە، ئامېرىكا« زۇڭتۇڭ سايلىمى جىڭى»توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى .ئۇ ئۆزىنىڭ سىياسىي ئارزۇسىنى بايان قىلىپ ، كەلگۈسىدە ئامېرىكىدا ئايال زۇڭتۇڭنىڭ سايلىنىپ چىقىلىشى ئامېرىكا سىياسىي چەكىلمىلىگىنى بۇزۇپ تاشلاشنىڭ «ئاخىرقى قەدىمى» دېدى.
ھىلارى يەنە مۇنداق دەپ قارىدى : ھازىرقى جەمئىيەتتە ئاياللارنىڭ سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىشى نۇرغۇن توسالغۇلارغا ئۇچرايدۇ ،ئايال رەھبەرلەرنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشىدىن ئاغرىنىشىدۇ،ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەتتا ئۇلارنىڭ كىيىم كىيىش ئۇسلوبلىرىغىچە خەۋەر قىلىدۇ . 2008-يىلى دېموكراتلار پارتىيىسى زۇڭتۇڭى ھىلارى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئوباماغا ئۇتتۇرۇپ قۇيغان.ئۇ زۇڭتۇڭ سايلىمى توغرىسىدا سۆزلەپ مۇنداق دېدى:ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمى جەريانى ناھايىتى نۇرغۇن ئىقتىسادقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ ،بۇ ھەر بىر سايلامغا قاتناشقۇچىغا نىسبەتەن بىر چوڭ سىناق .
ھىلارى ئۆزىنىڭ ئەمدى سىياسىي سەھنىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،مەن كىيىن ھىندىستانغا كېلىپ ، ھىندىستان كوچىلىرىدا ئەركىن ئازادە سەيلە قىلىمەن دېدى. ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ،ئوباما داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىسە ھىلارىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپلىق خىزمىتىنى ئىشلەش ئويىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقان .ئۇ بۇ يىل 64 ياشقا كىردى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دېگەن : 2016-يىلى ھىلارى 70 ياشقا كىرىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىش ئىمكانىيىتى چوڭ ئەمەس. ھىلارى جۇڭگو ۋە بېنگالدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ،6- ماي ھىندىستانغا زىيارەتكە بارغان ، ھەمدە ھىندىستان پايتەختى دىھلىدا ھىندىستان زۇڭلىسى سىنگى بىلەن كۆرۈشتى.ئۇ ھىندىستان بىلەن بولغان سىتراتىگىيەلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە ، ھىندىستانغا بىسىم ئىشلىتىپ ئىراننىڭ نېفىتىنى ئىمپورت قىلىشنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلدى.