ھامىلىدارلىقىنى يەڭگىشتىن بەش سائەت بۇرۇن بىلگەن ئايال

0 2012-05-10 10:42:48   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

بوۋىقىنى قۇچاقلىۋالغان ئامېرىكىلىق ئايال ئاماندا پرىنتىس

   خەلقئارا تېز لېنىيىسى خەۋىرى: ئامىرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 9- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا تېننىس شىتاتىدىكى ئايال ئاماندا پرىنتىس يېقىندا بىر قىز بوۋاق يەڭگىگەن، كىشىنى ئەجەپلەندۈرىدىغىنى شۇكى، ئۇ يەڭگىشتىن ئاران 5 سائەت ئىلگىرىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ ھامىلدار ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولۇپ، تورداشلىرىمۇ ئۇنى «گالۋاڭ ئانا»دەپ زاڭلىق قىلىغان.
    خەۋەردە دىيىلىشىچە، پرىنتىس شۇ چاغدا تارتىشىپ قالغان بولۇپ، دوختۇرخانىغا ئاپىرىش توغرا كەلگەن. دوختۇر ئۇنىڭغا مۇنداق دىگەن:«بىر خوشخەۋەر، بىر شۇم خەۋەر بار، شۇم خەۋەر شۇكى،  يېقىندىن بۇيان سىزنىڭ قان بېسىمىڭىز بەك ئېشىپ كېتىپتۇ، خوشخەۋەر شۇكى، سىز ھامىلدار ئىكەنسىز، ھازىرلا ئانا بولغۇدەكسىز».
    پرىنتىس ئەر- خوتۇن كۆپ يىللاردىن بۇيان پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لىكىن بۇ خوشخەۋەر ئۇلارنى بەكلا ھەيران قالدۇرغان. پرىنتىس مۇنداق دىگەن:«بالا تۇغۇلغانغا قەدەر  ھامىلىنىڭ تەۋرىگەنلىكىنى پەقەتلا ھېس قىلمىدىم».
   پرىنتىس ئەر- خوتۇن ھاياجانلانغان ھالدا: «قىزىمىزنىڭ يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىشى ھەقىقەتەن بىر مۆجىزە دىگەن».

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博