تاجىكىستاننىڭ داڭلىق ئىقتىسادشۇناسى پىروفېسسور خ. ئۇماروۋ يېقىندا مۇنداق دېدى: تاجىكىستاندىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئېكسپورت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، تاجىكىستان بىلەن ئافغانىستان ئۆزئارا مۇرەسسە قىلىشى كېرەك.
ھازىر توك تەمىنلەشكە ئالاقىدار بىر شەرت ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلىككە كېلەلمەسلىكىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ قالدى. يەنى تاجىكىستان ياز پەسلىدىلا ئافغانىستاننى توك بىلەن تەمىنلىمەكچى، ئافغانىستان بولسا تاجىكىستاننىڭ يىل بويى تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ مەسىلىدە بىرلىككە كېلىش ئۈچۈن، ئىككى دۆلەت مۇتەخەسسىسلىرى ئەستايىدىللىق ئانالىز ئېلىپ بېرىپ، ئىككى تەرەپنىڭ زىيىنىنى ئامالنىڭ بېرىچە ئازايتىدىغان بىر تۈرلۈك ھەمكارلىق چارىسىنى تېپىشى كېرەك.
ئۇماروۋنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ئافغانىستاندىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەردە ئىنتايىن ياخشى توك يوللاش تورى بەرپا قىلىنغان بولسا، تاجىكىستاننىڭ توك تەمىناتىدىمۇ ئۇنچە كۆپ مەسىلىلەر كۆرۈلمىگەن بولاتتىكەن. نۆۋەتتە، ئافغانىستان پايتەختى كابۇل شەھىرىدىلا بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان توك يوللاش تورى بار، ئۇ يەرمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئېلېكتىر ئېنرگىيەسىنى ئىمپورت قىلىشقا مۇھتاج.
ئافغانىستاننىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرىنى تالىشىش ئۈچۈن، تاجىكىستان باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن كەسكىن كۈرەش قىلدى. تاجىكىستان ئافغانىستاندىن ئىبارەت بۇ مەڭگۈلۈك بازىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، پاكىستان ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرىدىنمۇ ھەم شۇنداق. ئەگەر بۇ يىل ياكى كېلەر يىلى تاجىكىستان باھانى ئەرزانلىتىش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ئافغانىستان بازىرىغا كىرەلىسە، ئۇ ھالدا ئۆزبېكىستان بىلەن رىقابەتلەشكىدەك پايدىلىق شارائىتنى يارىتالايدۇ.
بۇندىن ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، تاجىكىستان بىلەن ئافغانىستاننىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تەمىناتى توغرىسىدىكى سۆھبىتىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلمىگەن، ئافغانىستان تاجىكىستاننىڭ پەقەت ياز پەسلىدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە يېتەرلىك بولغان ئەھۋال ئاستىدىلا توك ئېكسپورت قىلىشىغا قوشۇلمىغان.
قىش پەسلىدە تاجىكىستانمۇ بىرقەدەر ئېغىر بولغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تەمىناتى مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ. پايتەختتىن باشقا نۇرغۇن رايونلاردا ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئىستېمالىغا چەكلىمە قويۇلدى. ئەگەر ياز پەسلىدە تاجىكىستاننىڭ ئېشىندا ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى 5 مىليارد كىلوۋات - سائەتكە يەتسە، ئۇ ھالدا قىش پەسلىدە2.0-2.5 مىليارد كىلوۋات - سائەت بولىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ