ئىگىلىنىشىچە، قازاقىستان ھۆكۈمىتى ھەر يىلى 2 مىليارد تەڭگە مەبلەغ ئاجرىتىپ، قازاقىستان تاۋارلىرى ئېكسپورتى ۋە تاشقى مەبلەغ جەلپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قارار قىلغان. بۇ پىكىر يېقىندا ئېچىلغان ھۆكۈمەت خىزمىتى يىغىنىدا قازاقىستان مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى پولات ژانمىشېۋنىڭ 2014-2012 - يىللىق خامچوت لايىھەسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.
پولات ژانمىشېۋنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، 2012 - يىلىدىن2014- يىلىغىچە بولغان 3 يىلدا قازاقىستاننىڭ تاۋار ئېكسپورتى ۋە تاشقى مەبلەغ جەلپ قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ھەر يىلى 2 مىليارد تەڭگە مەبلەغ ئاجرىتىلىدىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: ‹ئالەم بوشلۇقى پىلانىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت 2014-2012 - يىللىرى43 مىليارد تەڭگە مەبلەغ ئاجرىتىپ تۆۋەندىكى تۈرلەرنى قوللاش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ: بوشلۇقتا يىراقتىن سېزىش سۈنئىي ھەمراھى، قۇراشتۇرۇش ۋە ئۆلچەش مەركىزى، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى، 3-taSzaK ئالاقە ۋە رادىيو ئاڭلىتىش سۈنئىي ھەمراھى، keretiaB ئالەم مەركىزى (ماس قەدەملىك سۈنئىي ھەمراھ ئالەم ئۇچقۇرىنى كونترول قىلىپ زاپاس ساقلاش قۇرۇقلۇق مەركىزى) قاتارلىقلار›.
بۇندىن باشقا، ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئاجرىتىپ بېرىلىدىغان 235 مىليارد تەڭگە مەبلەغنى يول ئاساسىي مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ، بۇ مەبلەغ »غەربىي ياۋروپا - جۇڭگونىڭ غەربىي رايونى« تۈرىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹بېينېئۇ - ئاقتاۋ - تۈركمەنىستان چېگرىسى› قاتارلىق دۆلەت يوللىرىنىڭ ياتقۇزۇلۇشى ۋە قايتىدىن ياسىلىشىنى، شۇنداقلا يەرلىك يوللارنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قازاقىستان ھۆكۈمىتى يەنە زامانىۋى كارخانىلارنى يېڭىدىن قۇرۇش، ھازىر بار بولغان كارخانىلارنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن، ئۈچ يىل ئىچىدە 29 مىليارد تەڭگە مەبلەغ سالىدۇ.
قازاقىستان ھۆكۈمىتى يەنە ئاھالىلار نۇقتىسىنىڭ يېقىلغۇ گاز تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر يىلى13.5مىليارد تەڭگە مەبلەغ ئاجرىتىدۇ؛ ھەرقايسى رايونلارنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ۋە ئوت ئېلېكتىر ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن 2014-2012 - يىللىرى جەمئىي 203 مىليارد تەڭگە مەبلەغ ئاجرىتىشنى پىلانلىدى.
پولات ژانمىشېۋ مۇنداق دېدى: ‹نۆۋەتتە، گېئولوگىيەلىك چارلاش ئىشلىرى ئۈچۈن ھەر يىلى تەخمىنەن 9 مىليارد تەڭگە ئاجرىتىپ، رايونلار ئارا گېئولوگىيەلىك چارلاش ۋە باھالاش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانلانماقتا. بۇندىن باشقا، 2012 - يىلى ‹قازاقىستان گېئولوگىيەسى› شىركىتىنىڭ كاپىتالى 5 مىليارد تەڭگە ئاشۇرۇلىدۇ›.
ھەمبەھىرلىنىڭ