بۇ يىل قازاقىستاننىڭ نېفىت مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەنلىشى مۇمكىن

0 2012-04-27 12:04:20   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      قازاقىستان دۆلەتلىك نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركىتى، ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلاش سەۋەبىدىن شىركەتنىڭ نېفىت مەھسۇلات مىقدارى بۇ يىل %6 تۆۋەنلىشى مۇمكىن، دەپ ئېلان قىلدى.
      جۇڭگو نېفىت خىمىيە ئاخبارات تورى بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: قازاقىستاندىكى ئىككىنچى چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى يەنى قازاقىستان دۆلەتلىك نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركىتى (saG ianuMzaK) قارمىقىدىكى قېدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى (PE saG ianuMzaK) مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلىشى سەۋەبىدىن، شىركەتنىڭ 2011 - يىللىق نېفىت ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 2010 - يىلىدىكىگە قارىغاندا 800 مىڭ توننا يەنى %6 تۆۋەنلىشى مۇمكىن.
      PE saG ianuMzaK يەنە نورمال ئىشلەپچىقىرىش جەريانى ئەسلىگە كېلىشتىن ئىلگىرى قازاقىستاننىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلىش مىقدارى ھەر ئايدا ئىلگىرىكىدىن 120 مىڭ توننا ئازىيىشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر