ئامېرىكا ئاقساراي 13-چېسلا ئېلان قىلغان زۇڭتۇڭ ئوباما ئەر-ئايالنىڭ 2011-يىلىدىكى باج تاپشۇرۇش تالونىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى «بىرىنچى ئائىلە»نىڭ ئۆتكەن يىلىدىكى ئومۇمىي كىرىمى 789674 ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، ئىككى ئادەم 162074 ئامېرىكا دوللىرى تاپاۋەت بېجى تاپشۇرغان.
ئاقساراي، بىرىنچى ئائىلىنىڭ كىرىمىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ مائاشى ( پارلامېنتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، يىللىق مائاش 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) بولۇپ، قالغان يېرىمى ئوباما چىقارغان كىتابلارنىڭ نەشر ھەققى كىرىمى، دەپ كۆرسەتكەن.
ئالدىنقى ئىككى يىلغا سېلىشتۇرغاندا، ئوبامانىڭ ئۆتكەن يىلىدىكى كىرىمىدە كۆرۈنەرلىك ئازىيىش كۆرۈلگەن بولۇپ، 2010-يىلى ئوباما ئەر-ئايالنىڭ كىرىمى تەخمىنەن 1 مىليون 700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولغان، 2009-يىلىدىكى كىرىمى 5 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن ئىكەن.
ئاقساراينىڭ شۇ كۈنى ئېلان قىلغان باج تاپشۇرۇش تالونىدا يەنە 2011-يىلى ئوباما ئەر-ئايال كىرىمىنىڭ تەخمىنەن %22، يەنى 170 مىڭدىن كۆپرەك ئامېرىكا دوللىرىنى 39 ئوخشاش بولمىغان خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىغا ئىئانە قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ جول.بايدىن ئەر-ئايالنىڭ باج تاپشۇرۇش تالونىدا، ئۇلارنىڭ 2011-يىلىدىكى ئومۇمىي كىرىمىنىڭ تەخمىنەن 380 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولغانلىقى، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت بېجىنىڭ 90 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، باج نىسبىتىنىڭ بولسا %23 ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.