رومېنىي
ئوباما
ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى رومنېي 11-ئاپرىل كەسكىن مۇنازىرىلەشكەن.نۆۋەتتە ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا يەنە يەتتە ئاي قالغان پەيىتتە ئىككى تەرەپ تىغمۇ-تىغ كۈرەش قىلماقتا.
سانتولىمو 10-ئاپرىل جۇمھۇرىيەتچىلار پارتىيىسى زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى،بۇ 11-ئايدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئوباماغا رىقابەت ئىلان قىلغان رومنېينىڭ دىلىنى يايرىتىۋەتتى.ئىككىنچى كۈنى ئوباما بىلەن رومنېينىڭ رىقابەت ئۆمىكى تېز سۈرئەتتە ھەركەتلىنىپ،سايلامدا ئۈسۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈش خىزمىتىنى باشلىۋەتتى.
ئوبامانىڭ سايلام رىقابەت ئۆمىكى ئىلان قىلغان بىر بۆلەك ۋېدىئوسىدا رومنېينىڭ سايلام رىقابىتى پائالىيىتىدىكى مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان پەيتى توپلانغان بولۇپ،رومنېي يەنە بىر قېتىم بىر باي ئەمما ئاممىدىن ئايرىلغان كونسېرۋاتىپ قىلىپ كۆرسەتكەن.
ئەمما رومنېي ئوبامانى ئىقتىسادىي رەھبەرلىك كۈچى يوق،كېيىنكىسى دېمۇراتىيە پارتىيىسىنىڭ <<چوڭ ھۆكۈمەت>>دەۋرىگە قايتقان دەپ تەسۋىرلىگەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى:بۇ قېتىملىق تىغمۇ-تىغ كۈرەش ئوباما ۋە رومۇنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ ئىستىقبالىنى نامايەن قىلىپ بەردى،ئىككى تەرەپ چوقۇم بىر-بىرىگە قارا چاپلايدۇ.
ئوباما ئۆمىكىنىڭ ئىلان قىلغان ۋېدىئوسى<<سىجىل بىر ئۆمۈرلۈك ئەسلىمە>>نامىدا بولۇپ،سايلىغۇچلارنى رومنېينىڭ پارتىيە ئىچىدە دەسلەپكى سايلامدا كىشىنى مۇشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان سۆزلىرىنى ئەسلەتكەن.بۇنىڭ ئىچىدە رومۇنىنىڭ <<شىركەت دېگەن خەلق>>دېگەن سۆزى بولغاندىن سىرىت يەنە ئۆزىنى <<ناھايىتىمۇ ئېھتىياتچان>>بولغان سابىق ماسساچۇسېتس ئىشتاتىنىڭ باشلىقى دېگەن سۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ۋېدىئودا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى:رومنېي ناھايىتىمۇ ئېھتىياتچان نامزات ھېسابلىنىدۇ.بۇ نوقتىغا دېققەت قىلىش كېرەككى،بۇ قارار ئالدىن مۇشت كۆتۈرگەنلىك،كەلگۈسىدە رومنېينىڭ كەلگۈسى نەچچە ئايدا مۇستەقىل سايلىغۇچلارنى يېڭىش پۇرسىتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۇندىن باشقا ئوباما <<بافىت قائىدىسى>>نى ئوتتۇرغا قويۇپ،باج يىغىش ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسى پىرىنسىپلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن.مەزكۈر پىلانغا ئاساسلانغاندا،رومنېيدەك بۇنداق كاتتا بايلاردىن ئاز دېگەنسە 30 پىرسەنتلىك شەخسى باج ئېلىش كېرەك.
ئوباما ئاقسارايدىكى بىر مەيدان پائالىيەتتە مۇنداق دېگەن:بايلاردىن ئېلىنىدىغان باجلارنى كۆپەيتىش كېرەك،باج يىغىشنى مەبلەغ سېلىشقا ئىشلىتىپ،ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ساھەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.ئۇ پارلامېنتقا بېسىم ئىشلىتىپ،ئامېرىكىلىقلارنى باج كۆپەيتىش لايىھىسىنى قوللاشقا دەۋەت قىلدى.
رومنېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى:ئوبامانىڭ ئىقتىسادنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ناچار،بۇ قارار تېمىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغانلىق ھېسابلىنىدۇ.