جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن كابۇلدا ئەسلەتمە ئىمزالاپ، كېچىدە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەتكە يېتەكچىلىك قىلىش ھوقۇقىنى ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسمىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى بەلگىلىدى.
ئافغانىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى راشىم ۋارداق بىلەن ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى جون ئەللىن ئەسلەتمە ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئەسلەتمىگە ئاساسەن، ئافغانىستان دائىرىلىرى كېچىدە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسى بۇنى قوللايدۇ.
چۈشىنىش ئەسلەتمىسىدە يەنە مۇنۇلار بەلگىلەندى: ئافغانىستان ئالاھىدە ھەرىكەت گوروپپىسىلا زۆرۈر تېپىلغاندا ئافغانىستان ئاھالىسىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ كېچىدە تۇيۇقسىز ئاختۇرسا بولىدۇ، ئامېرىكا ئارمىيىسى ھوقۇق بېرىلگەن ئەھۋالدا ئاندىن بۇ خىل ھەرىكەتكە قاتنىشالايدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ