شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئەنگىلىيە تېلگىراف گېزىتى تېلگىراممىسى :پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ پېنىسيەگە چىققان گېنىېرالى شاۋكەت قادىر ئاخبارات ئەمەلدارلىرى ،ئاھالىلەر ۋە بازا تەشكىلاتنىڭ سابىق ئادەملىرى بىلەن سۆزلىشىش ئارقىلىق ،بىن لادېننىڭ ئاببۇتاببادقا يوشۇرۇنۇشتىن بۇرۇن پايتەخت ئىسلامئابادنىڭ شىمالىدىكى بىر ئاۋات بازاردا خارىپۇر دەپ ئاتىلىدىغان بىر داچىغا يوشۇرۇنغانلىقىنى بايقىغان .بۇ داچىغا قوشنا قورۇنىڭ ئىگىسى ئۆمەر ھايات شاۋكەتكە مۇنداق دېگەن :بۇ خەۋەر مېنى ھەقىقەتەن چۆچۈتتى .ئېسمىدە قېلىشىچە ،ئىلگىرى بۇ داچىدا غەربىي شىمالدىن كەلگەن ئاكا-ئۇكا پۇشتۇلار تۇرغان ،شۇ چاغدا بۇ داچىنىڭ ئىشكى كۈنبويى تاقاقلىق تۇراتتى .ئەمدى ئويلاپ باقسام ،بىن لەدېن ئاببۇتاببادتىكى داچىسى پۈتكىچە بۇ جايدا تۇرغاندەك قىلىدۇ ،چۈنكى ئۇنىڭ بۇ داچىدا تۇرغان ۋاقتى سەككىز ئايغا ئاران ئۇلاشقان .
داچىنىڭ ئىگىسى راھمان مۇنداق دېدى :ئۇ ئاكا-ئۇكا پۇشتۇلار ئايدا 100 فوندستېرلىڭ ئىجارە تۆلەش شەرتى بىلەن داچامنى ئىجارىگە ئالغان ،ئىجارە پۇلىنى ئالغىلى بارغىنىمدا ،ئاساسەن مېھمانخانىدا ساقلايتتىم ،چۈنكى بۇ ئۆيدە ئاياللار بار ئىدى .