شىنخۇا ئاگېنتلىقى،كابۇل،27-مارت تېلىگىراممىسى:
تۈنۈگۈن ئافغانىستان ئارمىيەسىنىڭ بىر ئەسكىرى ش ئا ئە ت قىسمىدىكى بىر ئامېرىكىلىق ،ئىككى ئەنگىلىيەلىك ئەسكەرنى ئېتىۋەتتى.تالىباننىڭ باياناتچىسى ئەھمەد مۇنداق دېدى:بۇ ئەسكەر ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ئادىمىمىز.
ئەمما تالىبان ھاكىميىتىدە دىپلومات بولغان ۋاھىد مۇجدا مۇنداق دېدى:يېقىندا يۈز بەرگەن بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ تالىبان بىلەن مۇناسىۋىتى يوق،بۇ پەقەت ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن چەتئەللىك مەسلىھەتچىلەر ئارسىدا ئىشەنچ كىرزىسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.