3 دانە توشقاننى ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئەرگە 2 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى

694 2012-04-09 11:47:38   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى


 ئوۋېن 3 دانە توشقاننى تىرىك تۇرغۇزۇپ سىقىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ، ئونىڭغا 2 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى



  جۇڭگو خەۋەر تورى 1-ئاپرېل تېلگراممىسى: چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 31-مارت خەۋەر قىلىشىچە ، ئامېرىكىلىق بىر ئەر ئايالىنىڭ يىرىم كېچىدە ئورنىدىن تۇرۇپ ئەرمەك ھايۋانلارغا يەم بېرىشىدىن بىزار بولۇپ ، تاش يۈرەكلىك بىلەن ئۆي ئىچىدىكى 3 دانە توشقاننى تىرىك تۇرغۇزۇپ سىقىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ، بۈگۈن شۇ جايدىكى سوت مەھكىمىسى ھايۋانلارنى خورلاش جىنايىتى بىلەن ئونىڭغا 2 يىللىق قاماق جازاسى بەردى ، ھەم كەلگۈسىدە ئۇنىڭ ئەرمەك ھايۋانلارنى بېقىشىنى چەكلىدى.
       خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئەرنىڭ ئسىمى ئوۋېن بولۇپ  ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شىتاتىدىن  ئىكەن. ئۇنىڭ ئائىلىسىدە ئىلگىرى  3 دانە توشقان باققان بولۇپ ، ئۇنىڭ ئايالى بۇ كىچىك ئوماق ئەرمەك ھايۋانلارنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ ، دائىم يىرىم كېچىدە ئورنىدىن تۇرۇپ ئەرمەك ھايۋانلارغا يەم بېرىدىكەن. ئوۋېن بۇ ئىشتىن ئىنتايىن بىزار بولۇپ ، ئايالى بىلەن كۆپ قېتىم ئۇرۇشقان ، كېيىن غەزەپلەنگەن ئوۋېن ئاچچىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن ، بۇ 3 دانە توشقاننى تىرىك تۇرغۇزۇپ سىقىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن.
      مەلۇم بولۇشىچە ، ھازىر ئوۋېن ئۆزىنىڭ رەھىمسىز قىلمىشىدىن جىنايىتىنى بوينىغا ئالدى ، شۇ جايدىكى سوت مەھكىمىسى ھايۋانلارنى خورلاش جىنايىتى بىلەن ئونىڭغا 2 يىللىق قاماق جازاسى بەردى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博