تىتانىك ناملىق دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ موزىيى ئېچىۋېتىلدى

804 2012-04-06 11:39:29   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى : بۇ يىل ‹‹ دۇنيا سانائەت تارىخىدىكى مۆجىزە ›› بولغان ‹‹ تىتانىك ›› ناملىق پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كەتكەنلىكىنىڭ 100 يىللىقى بولۇپ، بۇ ھېكايىنى پۈتۈن دۇنيا خەلىقى بىلىدۇ. 31-مارت، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ‹‹ تىتانىك›› ناملىق مۇزېي ــــ  بېلفاستتىتانىك سارىيى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى.

  بېلفاست تىتانىك سارىيى بېلفاست پاراخوت ياساش زاۋۇتىنىڭ ئورنىغا ياسالغان بولۇپ، تىتانىك دەل موشۇ يەردە لايىھەلىنىپ، ياسالغان. بۇ تۆت بۇرجەكلىك قۇرۇلۇشىنىڭ شەكلى ناھايىتىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، ھەر قانداق بىر نۇقتىدىن كۆزەتكەندە، بەئەينى ھازىرلا قوزغىلىدىغان غايەت زور پاراخوتقا ئوخشايدۇ. بىنانىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى ھاسبىندې شۇ كۈنىدىكى لېنتا كېسىش مۇراسىمىدا كەلگەن مېھمانلارغا بىر نەپەر ئالاھىدە مېھماننى تونۇشتۇردى،ئۇ بولسىمۇ دۇنيادىكى بىردىبىر ھايات قالغان،تىتاتىك ناملىق پاراخۇتنىڭ چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى ئەھۋالىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچى شىلىر كويگىلى بۇۋاي ئىدى.گەرچە مەن بۈگۈن بارلىق مېھمانلارغا رەھمەت ئېيتساممۇ ئەمما مەن يەنىلا كەينى تەرىپىمدە ئولتۇرغان شىلىر كۇيگىلى ئەپەندىمنىڭ قەدەم تەشىرىپ قىلغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن،تىتانىك ناملىق پاراخۇت 100 يىلنىڭ ئالدىدىكى بۈگۈنكى كۈندە،تۆت ياشلىق شىلىر ئەپەندىم شۇ يەردە تۇرغان.مەن سىزنىڭ بۇلتۇر ئاممىۋى ئاپتۇبوسقا ئولتۇرغانلىقىڭىزنى بىلىمەن،سىنىڭ شۇ ئەۋلاد كىشلىرىگە ۋاكالەتەن قاتنىشىپ بەرگەنلىكىڭىزدىن تولىمۇ خوشالمەن،-دېدى ھاسىنبىدې ھاياجانلانغان ھالدا.
تىتانىك ناملىق پاراخۇت 1912-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورىك شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققاندا،ئاتلانتىك ئوكياندا مۇز تاققا ئۇرۇلۇپ چۆكۈپ كېتىپ،جەمئىي 1500 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ بەخىتسىزلىككە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.بېرفاسىت شەھىرىنىڭ باشلىقى ئودونگاي تەبرىك سۆزى سۆزلىگەندە مۇنداق دېدى:تىتانىك ناملىق پاراخۇتنىڭ چۆكۈپ كېتىشى كىشلەرگە غايەت زور ئازاپ ئېلىپ كەلدى،ئەمما بېرفاست خەلىقى ئاللىقاچان تارىخنىڭ تىراگىدىيىسىدىن مېڭىپ چىقتى.بىز كەلگۈسىدە بىز ئايرىلىپ قالغان ئاشۇ تۇققانلىرىمىزنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتىمىز.بۇ يەردە نۇرغۇن ئائىللەر ئاشۇ قېتىملىق تىراگىدىيىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىدى،بۇ تەسىر كىشلەر قەلبىدە تا ھازىرغىچە ساقلىنىپ تۇرماقتا.تىتانىك ناملىق پاراخۇت بىر مەيدان ئىنسانىيەتنىڭ تىراگىدىيىسى.ئەمما بىزنى ئىپتىخارلاندۇرىدىغىنى شۈكى بىز بۇ ۋەقەنى قوبۇل قىلدۇق،بۇ تىراگىدىيىنى قوبۇل قىلدۇق،بۇمۇ بىزنىڭ ئىقتىدارىمىزنى نامايەن قىلىپ بەردى.
 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博