61 يىلنى قول تۇتۇشۇپ ئۆتكۈزگەن بىر جۈپ ئەر-خوتۇن بىر كۈندە قازا قىلدى

511 2012-04-06 11:21:47   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    جۇڭگو ئاخبارات تورى 1-ئاپرېل تېلگېراممىسى شىياڭگاڭ «ۋېنخۇي گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدىكى بىر جۈپ ئەر-خوتۇن 61 يىل بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەندىن كېيىن ئوخشاش بىر كۈندە ئۆيىدە قازا قىلغان. شۇ جايدىكى ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 81 ياشلىق سىنېللىڭ تاپانچا بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان، ئۇ ئەقلىي چېكىنىش كېسىلىگە گىرپتار بولغان تەڭ ياشلىق خوتۇنى ئاندىرىئاننىڭ ئۆلۈمى سەۋەبىدىن بۇنداق قىلىشنى قارار قىلغان. ئەر-خوتۇننىڭ بالىلىرى: «ياشانغان دادامنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە ئانامنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇغانلىقى، ئىنتايىن ئازابلىق، ئەمما بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن چوڭقۇر مۇھەببەتىنى ھېس قىلدۇق» دېگەن.
   ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئەر-خوتۇنلار ئالىي مەكتەپ ۋاقتىدا بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈشۈپ قالغان ئىكەن، 1951-يىلىدىن باشلاپ توي قىلىپ ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈش يولىغا قەدەم قويۇپ، بەش بالىلىق بولغان. باي ئائىلىدە تۇغۇلغان سىنېللىڭ ئىش ئورنىدا چامباشچىلىقنى راۋاجلاندۇرغان، 2003-يىلى ئەينى ۋاقىتتىكى زۇڭتۇڭ بوشنىڭ بەلگىلىشى بىلەن ۋاشىنگىتون ئايرودىروم باشقۇرۇش ئىدارىسىغا كىرىپ، ئالدىنقى 1-ئايدىن 12-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، ئايرودىروم باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. سەنئەتكار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ئاندىرىئاندا تۇلۇپ-تاشقان فوتۇگرافلىقنىڭ تۇغما تالانتى بار ئىكەن.
   ئەمما، ئاندىرىئان ئالتە يىل ئىلگىرى ئەقلىي چېكىنىش كېسىلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان، سىنېللىڭ ئايالىغا ئۆزى قارىغان، ئۇنىڭدىن بىر قەدەممۇ نېرى كەتمىگەن. ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى بۇ ئىككىيلەننى «ماسلاشقان بىر جۈپلەر» دەپ تەرىپلىگەن.
سىنېللىڭ ئۆتكەن يىلى گېزىتكە ماقالە ئەۋتىپ، ئايالى بىلەن ئىككىسىنىڭ بوران-چاپقۇنلۇق ئورتاق ھاياتىنى تەپسىلىي بايان قىلغان. 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博