ئەردوغان باراك ئوباما بىلەن سۈرىيە مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى

700 2012-04-02 12:08:26   65933.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

     تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جەنۇبى كورېيەدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.ئىككى رەھبەرنىڭ 1 سائەت 45 مىنۇت داۋام قىلغان ئايرىم ئۇچرىشىشىدا، نۇقتىلىق ھالدا سۈرىيە مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئىككى رەھبەر قوشما مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. بىرىنچى بولۇپ بايانات بەرگەن باراك ئوباما: «كۆرۈشىشىمىزنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى سۈرىيە مەسىلىسىگە ئاجراتتۇق. سۈرىيە توغرىسىدا بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. سۈرىيەنىڭ دوستلىرى يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن تۈركىيەگىمۇ كۆپ رەھمەت ئېيتتۇق. ئىنسانپەرۋەر ياردەملەر مەسىلىسى بويىچە كوفى ئانناننى قوللىغانلىقلىرىدىن خوشاللىق ھېس قىلدۇق. ئەردوغاننىڭ تىرىشچانلىقلىرى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ.» دېدى.ئارقىدىن باش مىنىستىر ئەردوغان ئۇچرىشىشنىڭ مەزمۇنى توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ئەھۋاللارغا بولغان قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

   ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «910 كىلومېتىر چېگرىمىز بولغان بىر قوشنىمىزدا كۆرۈلگەن ئەھۋاللار ئادەمنى ئازاپلايدۇ. ھازىرغىچە ئەڭ مۇھىم كۆچمەن قوبۇل قىلىش مەركىزى بولۇپ كەلدۇق. نۆۋەتتە تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىكلەرنىڭ سانى 17 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. تىك ئۇچار ئايروپىلانلار بىلەن بومباردىمان قىلىش نەتىجىدە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋاللىرى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە. بۇنى تاماشا قىلىپ تۇرۇش، مۇداخىلە قىلماسلىق مۇمكىن ئەمەس. بۇ يەردە قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىشنى خەلقئارا قانۇننىڭ دائىرىسىدە قىلىشقا غەيرەت قىلماقتىمىز ۋە قىلىمىز. قاراشلىرىمىزنىڭ بىر يەردىن چىققانلىقىنى كۆرۈش بىزنى خوشال قىلدى.»باش مىنىستىر ئەردوغان ئىراندىكى ئۇچرىشىشلىرى ئەسناسىدىمۇ نۇقتىلىق ھالدا سۈرىيە مەسىلىسىگە مەركەزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.ئەردوغان، «سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدا رايوندا مەيلى ئىران مەيلى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن بولسۇن، مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئىمكانىيىتىمىز بولدى. بولۇپمۇ جەنۇبى كورېيەدىن قايتقاندىن كېيىنكى ئىران زىيارىتىمىزنىڭ تېمىسى سۈرىيە بولىدۇ. ئالدىن بۇ ھەقتە باش قاتۇرۇپ ئۆتۈشنى پايدىلىق دەپ قارىدۇق ۋە بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق» دېدى.

   ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا دائىرى ئۆزگىرىشلەرمۇ ئۇچرىشىشنىڭ مۇھىم بىر تېمىسى ئىدى.ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇزاكىرىلەرگە ئىشارەت قىلغان ھالدا، دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.ئەردوغان، «ئەلۋەتتە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى بىز بىلەن بىر سەپتە كۆرۈش بىزنى خوشاللاندۇردى. تەشكىلاتقا قارشى كۈرەشنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىدا گەپ يوق، لېكىن سىياسىي تەرەپدارلىرى بىلەنمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىمىز بار» دېدى.ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىمۇ ئىككى رەھبەرنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئىدى.ئەردوغان، «ئىراقتىكى ۋەزىيەتنىڭ تىنچلىق يولىدا قانداق ئالغا باسىدىغانلىقى مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختالدۇق. تىرىشچانلىقلارنىڭ ئىراقتىمۇ تىنچلىقنى تەسىس قىلىشقا پۇرسەت يارىتپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博