ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن iPhone4يانفونى پارتىلاش خەۋىرى، ئېنتىرنېت تورى ۋە مىكرو بلوگ قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق شىددەت بىلەن پارتىلاش خاراكتېرلىك خەۋەرگە ئايلىنىپ قالغان.نېمىشقا ئۇنداق كۆپ ئادەم ھېچقانداق ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمىگەن مەسلىگە بۇنچىلىك دەرىجىدە ئېتبار بىلەن قارايدۇ؟
بىر كۈنى سەھەر6:30دا،ئامېرىكا كولورادو ئىشتاتىدىكى 51ياشلىق ئايال iPhone4يانفونىنىڭ«زىت-زىت»قىلغان ئاۋازىدىن ئويغۇنۇپ كەتكەن،ئۇ شۇ چاغدا iPhone4يانفونىدىن ئىس كۆتۈرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.«مەن يانفونۇمنى كارىۋات بېشىدا توك قاچىلاشقا ئادەتلىنىپ قالغان،شۇڭا توك قاچىلىنىۋاتقان يانفون مەندىن پەقەت 30.4سانتېمېتىرلا يىراقلىقتا ئىدى،ئۆينىڭ ئىچىدە سۇلىياۋ كۆيگەندەك پۇراق پەيدا بولدى،يەنە تېخى زىت-زىت قىلىپ ئاۋاز چىقىپ يانفونۇمنىڭ يۈزى ئاستا-ئاستا يېرىلىشقا باشلىدى،مەن بەك قورقۇپ كەتتىم،شۇنىڭ بىلەن ئۇنى كومپىيۇتېر سومكىسىغا ئوراپلا ھاجەتخانىدىكى سۇ ئىدىشىغا تاشلىۋەتتىم».
ئۇ يەنە ئۆيىدىكى ئىس-تۈتەكتىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ھېچقانداق سىگنال بەرمىگەن،ئۇ توك يوللىرىنى ئوڭشايدىغان ئۇستامنى چاقىرىپ چېتىلغۇچلارنى تەكشۈرۈتكەن بولسىمۇ ھېچقانداق چاتاق چىقمىغانلىقى ئېنىقلانغان،ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان بۇ خانىم بۇ ئىشنى Mashable(ئېنتېرنىت خەۋەر بلوگى،2005-يىلى7-ئايدا قۇرۇلغان،دۇنيادىكى زىيارەت قېلىش قېتىم سانى ئەڭ يۇقىرى بلوگلارنىڭ بىرى)قا ئاشكارلىغان،ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئىشنى ئالما شىركىتىگە دوكلات قىلغانلىقىنى،لېكىن ئالما شىركىتىنىڭ مەنىسىز گەپلەرنى قىلىپ مەسئۇلىيەتتىن باش تارتقانلىقى،يەنە تېخى جامائەت ئالدىدا بۇ ئىشنى چۈشەندۈرۈشنى رەت قىلغانلىقىنى ئېيىتقان.
بۇ ئايال ئالما شىركىتىنىڭ تۆۋەندىكى چارىلەرنى قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلغان:ھەربىر iPhoneيانفونغا ئاگاھلاندۇرۇش خەتچە«باتارىيەگە تايىنىپ توك يەتكۈزىدىغان مەھسۇلاتلار ئاسان پارتىلايدۇ»دېگەندەك،ئەگەر مۇشۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش سۆزلىرى بولسا مەنمۇ ئۇنى بىرياقتىن توكقا چېتىپ بېشىمغا قويىۋالمايتىم،بۇنداق ئادەتلىنىپ قالغانلار ھەقىقەتەن ساماندەك دېگەن.
بۇنىڭدىن سىرت،بۇ ئايال ئالما شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتى iPhone4sنى پارتىلاپ كەتكەن iPhone4يانفونىغا ئالماشتۇرماقچى بولغان،ئالما شىركىتى ئاخىرىدا ئۇنىڭغا يەنىلا iPhone4يانفونغا ئالماشتۇرۇپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيىتقان.
2011 -يىلى6-ئاينىڭ2-كۈنى كەچتە،ياڭ ئەپەندى بىر ئائىلە كىشلىرى تېلىۋىزور كۆرگەندە ئالما يانفونىنى كۈلداننىڭ يېنىغا قويۇپ قويغان،ئۇخلىغاندىمۇ شۇ يەرگە قويۇپ قويۇپ يېتىۋەرگەن،يېرىم كېچە بولغاندا مېھمانخانا ئۆيدىن پارتىلىغان ئاۋاز كەلگەن،يانفون قويغان ئۈستەل ئەينىكى چېقىلىپ كەتكەن بولۇپ،ھەممە يەر ئەينەك پارچىسى بىلەن تولغان ،لېكىن يەرگە پارتىلاپ چۈشكەن iPhone4يانفون ھېچقانداق بولمىغان.يەنە بىر ئىش 2011-يىلى8-ئاينىڭ16-كۈنى،چۈشتىن كېيىن خاڭجۇلۇق يۇەن ئەپەندى ئىشلىتىۋاتقان iPhone4يانفونىنىڭ تۇيۇقسىز پارتىلاپ كەتكىننى ئېيىتقان.